ئامما يىغىلىدىغان 100 مىڭدىن ئارتۇق سورۇن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن تىجارەت باشلايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:04

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: پىكىرنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىدىيەسى، تۈزۈمى، ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر قاتلامدا ئىسلاھات قىلىپ، پاك، ئىستىلى ياخشى، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش ئىقدارىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پىكىردە ئوت مۇداپىئە قانۇن ئىجراسى ئىسلاھاتىدىكى بەش تەرەپتىكى 12 ئاساسلىق ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەمۇرىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش جەھەتتە، ئۈچ تۈرلۈك ئوت مۇداپىئە تەستىقى بېكار قىلىندى ۋە ئاددىيلاشتۇرۇلدى. ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى ئورگىنىنىڭ سالاھىيەت ئىجازىتى بېكار قىلىندى، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باھالاش ئورگىنىنىڭ سالاھىيەت ئىجازىتى تۈزۈمى بېكار قىلىندى؛ ئامما يىغىلىدىغان سورۇنلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش، سودىدىن بۇرۇنقى ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش، ۋەدىنى باشقۇرۇش ئاددىيلاشتۇرۇلدى، ئوت مۇداپىئە مەسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتى چەكلىمىسى بوشىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئوت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىش، تەكشۈرۈش بازىرى ئېچىۋېتىلدى.

جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيوڭ سې مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر يىلى ئارتۇق ئامما يىغىلىدىغان 100 مىڭدىن ئارتۇق سورۇن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن تىجارەت باشلايدۇ؛ نەچچە ئون مىڭ ئوت مۇداپىئە تېخنىكا مۇلازىمىتى ئورگىنى ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوت مۇداپىئە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا ئوت مۇداپىئە تارماقلىرىغا بېرىپ تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرمەيدۇ.