ھىندونېزىيە دېڭىز تېمى سېلىپ، پايتەختنى قوغدىماقچى بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:04

ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتانىڭ يەر يۈزى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش يۈزلىنىشىنى پەسەيتىش تەس بولغانلىقتىن، زۇڭتۇڭ جوكو ۋىدودو جاكارتانىڭ ئەتراپىغا تام سېلىپ، دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نوپۇسى ئون مىليوندىن ئاشىدىغان بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز ئاستىدا قېلىشىدىن ساقلانماقچى بولدى.

جاكارتا شەھىرىنىڭ نوپۇسى ئون مىليوندىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەتراپتىكى شەھەر-بازارلارنى قوشقاندا، پايتەخت چەمبىرىنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 30 مىليون كېلىدۇ. سۇغا بولغان ئېھتىياجنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن يەر ئاستى سۈيى زىيادە ئىشلىتىلىپ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا ئوخشاشلا يەر يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشى ئېغىرلاشتى. جاكارتا ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، جاكارتا قولتۇقىغا يېقىن، يەر شەكلى ئويمان، ئاسانلا دېڭىز سۈيى كىرىپ كېتىدۇ.

زۇڭتۇڭ جوكو 7-ئاينىڭ 26-كۈنى جاكاتاردا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، بىز دېڭىز تېمى قۇرۇلۇشى تۈرىگە تۈرتكە بولۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز، جاكارتانى دېڭىز سۈيى بېسىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئون يىل بۇرۇنلا بۇ پىلاننى ئويلىشىشقا باشلىغان دېدى.
جاكارتانىڭ غەربىي شىمالىدىكى مالابارۇ رايونىدا، يەر يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان تەھدىت بەكلا روشەن بولدى. بۇ جاي ئون نەچچە يىل بۇرۇن كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان، شۇندىن كېيىن دېڭىز قىرغىقىغا بېتون تام سېلىنغان، بۇ تام ھازىر يېرىلىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى دېڭىز سۈيىنىڭ يېرىقنى بويلاپ كوچىلارغا كىرگەنلىكى، دېڭىز تېمىنىڭ جاكارتا قولتۇقىغا يېقىن تەرىپىدىكى بىر مەسچىتنىڭ يېرىمىنىڭ دېڭىز سۈيىنىڭ ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆردى. يېقىن ئەتراپىدىكى ئىككى ئاھالە ئۆيىمىزگە دائىم سۇ كىرىپ كېتىدۇ دېدى.

جاكارتا-يەر شارىدىكى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش سۈرئىتى ئەڭ تېز شەھەرلەرنىڭ بىرى. ھىندونېزىيە باندۇڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ يەر يۈزىنى ئۆلچەش ئالىمى خېرى ئاندىرىياس جاكارتانىڭ شىمالىدىكى قىسمەن جايلارنىڭ يەر يۈزى ھازىر دېڭىز يۈزىدىن ئىككى مېتىردىن تۆت مېتىرغىچە پەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق ئوتتۇرىچە ھەر يىلى 20 سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئولتۇرۇشۇۋاتىدۇ دېدى.

ئاندىرىياس جاكارتا ئۈزلۈكسىز ئولتۇرۇشۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئولتۇرۇشۇش سۈرئىتى ئۆزگەرمىسە، 2050-يىلىغا بارغاندا، جاكارتانىڭ شىمالىدىكى %95 جاي سۇغا غەرق بولىدۇ، بۇ-جاكارتادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم زېمىننىڭ دېڭىز سۈيىنىڭ ئاستىدا قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېدى.

پۈتكۈل جاكارتا رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەر يۈزى ئوتتۇرىچە ھەر يىلى ئون سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ئولتۇرۇشۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىشى سەۋەبىدىن دېڭىز يۈزى ئۆرلەۋاتىدۇ، ئەھۋال تېخىمۇ كەسكىن بولماقتا.

جوكو 5-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، 2-نۆۋەتلىك بەش يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىنى باشلىدى. ئۇ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، بىز ھالقىلىق تۈر ۋە ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرىمىز، پايتەخت چەمبىرىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مەن پايتەختنى ياۋا ئارىلىدىن كۆچۈرۈپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن دېدى.

ھىندونېزىيەدىكى 270 مىليون نوپۇسنىڭ %57 ى ياۋا ئارىلىغا مەركەزلەشكەن. جوكو بىز بارلىق پۇلنى ياۋا ئارىلىغىلا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئويلىماسلىقىمىز كېرەك، بىز ياۋا ئارىلىدىن باشقا جايلارنىڭمۇ پۇل تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، پايتەختنى كۆچۈرۈشتە يەنە كەلكۈن ۋە يەر تەۋرەشنىڭ تەھدىتى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشتۇق، مەن پايتەختنىڭ بىخەتەر بولۇشى، ئاپەتتىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

جوكو يېڭى پايتەختكە تاللانغان ئورۇننى تىلغا ئالماي، بىز ئۇ يەرنى مەمۇرىي مەركەز قىلىمىز، جاكارتا بولسا سودا ۋە ئىقتىساد مەركىزى بولىدۇ دېدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاكارتانىڭ دېڭىز تېمى تۈرىگە 42 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېتىشى، ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئالدى بىلەن ھازىرقى 30 كىلومېتىرلىق دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە توسمىسى پۇختىلىنىدىكەن، ئاندىن يېڭىدىن 17 سۈنئىي ئارال ياسىلىدىكەن، ئاخىرىدا جاكارتا قولتۇقىنىڭ غەربىي تەرىپى ۋە شەرقىي تەرىپىگە غايەت زور دېڭىز تېمى سېلىنىدىكەن.

بۇ تۈرگە قارشى پىكىردە، تام سېلىش تەننەرخ بەك يۇقىرى دەپ قارىلىپ، دېڭىز تېمىنىڭ يەرلىكنىڭ بېلىقچىلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىنغانلىقتىن، بۇ تۈرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا بولدى.

جاكارتانىڭ شىمالىدىكى بىر بېلىقچىلىق پورتىدىكى 63 ياشلىق بېلىقچى پاندى قۇلۇلە تۈرىدىكىلەرنى سۈزۈش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، دېڭىز قىرغىقىدىكى قۇرۇلۇش باشلانسا، مەن تېخىمۇ يىراق جايغا بېرىپ سۈزۈشكە مەجبۇر بولىمەن، مېنىڭچە، دېڭىز سۈيى دېڭىز بويىدىكى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما دېڭىز تېمى مېنى تىرىكچىلىك يولۇمدىن ئايرىپ قويىدۇ دېدى.

باندۇڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىنىڭ يەر يۈزىنى ئۆلچەش ئالىمى ئاندىرىياس چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن، دېڭىز تېمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى سېلىنىش كۆلىمىنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە، ئالدى بىلەن 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا دېڭىز تېمى سېلىنىپ، ئەڭ ئاجىز رايونلار قوغدالسا بولىدۇ. ئۇنداقتا ئەسلىدىكى پىلاندىن ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىسقىرايدۇ، بۇ ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگىلى، ئاندىن كېيىن يەنە باشقا جايلارغا دېڭىز تېمى سېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.