ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم بىرلەشمە كومىتېتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋىسترىيەنىڭ ۋىيېنا شەھىرىدە ئالاھىدە يىغىن ئاچتى، يىغىن ئىجابىي بولغان بولسىمۇ، ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل بولمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم بىرلەشمە كومىتېتى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاۋىسترىيەنىڭ ۋىيېنا شەھىرىدە ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. يېقىندا پارىس قولتۇقىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز جىددىيلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى، بىر قىسىم تاراتقۇلار ھەتتا «ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قۇتقۇزىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى جەڭ» دېدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دېيىشتى: ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يىغىندىكى ئىپادىسى ئىجابىي بولدى، بۇ پارىس قولتۇقىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، لېكىن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىراننىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قۇتقۇزۇش ياكى قۇتقۇزالماسلىقنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ۋىيېنادىكى دىپلوماتىيەدىن خەۋەردار كىشىلەر مۇنداق دېيىشتى: بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالاھىدە يىغىنى ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىراننىڭ تەلىپى بويىچە جىددىي ئېچىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ھەرىكەت مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى شىمىست يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراگىش، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىيابۇكوف شۇنداقلا ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتناشتى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فۇ سۇڭ ئۆمەك باشلاپ قاتناشتى.

يىغىندا ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلەشمە كومىتېتى رامكىسىدا كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كېلىشىمنى تولۇق، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى. ھەر قايسى تەرەپلەر ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا جازا يۈرگۈزۈش شۇنداقلا ئارتۇقچە ئىشلار ئارىلىشىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇردى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا جازا يۈرگۈزۈش تەسىرىنى داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ ئازايتىش ھەققىدە ۋەدە بەردى.

ئىلگىرى كېلىشىمنى ئادا قىلىش سەۋەبلىك زىددىيەت كۈچىيىپكەتكەن ئىران بىلەن ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەت يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچ دۆلەت ئىراندىن كېلىشىمنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئىراننىڭ يادور كېلىشىمىدىكى ئالاقىدار تەدبىرلەرنى بۇزۇپ تاشلىشىنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلماسلىق بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئىران بولسا ئۈچ دۆلەتتىن ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىراننىڭ ئىقتىساد پايدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. كۆز قاراشلار بىردەك بولمىسىمۇ، لېكىن فۇ سۇڭنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، يىغىن كەيپىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، كەسپىي بولغان.

ئاراگىش مۇنداق دېدى: يىغىن ئىجابىي بولدى، مەسىلە ھەل بولدى دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن يىغىنغا قاتناشقان بارلىق تەرەپلەر ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قۇتقۇزۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ۋىيانادىكى خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ۋەكىلى يۇرىيانوف يىغىن نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلاپ ئۈچ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق دېدى. بىرىنچى، ئىرانغا قارىتىلغان جازانى داۋاملىق بېكار قىلىش. ئىككىنچى، ھەر قايسى تەرەپلەر ئاراك ئېغىر سۇ رىئاكتورى ۋە فوردو يادور ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش مەجبۇرىيىتىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش. ئۈچىنچى يېقىندا مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىشنى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىش.

يىغىنغا قاتناشقان تەرەپلەر بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قۇتقۇزۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىران بىلەن ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى زىددىيىتى ئاسان ھەل بولمايدىكەن.

ئىراننىڭ يادرو كېلىشمى ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى تەرەپلەر ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن دىپلوماتىك نەتىجە، ئامېرىكىنىڭ ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىشى يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن ياۋروپا كارخانىلىرىنى ئىران بىلەن ئىمزالىغان نۇرغۇن توختاملارنى بېكار قىلىشقا قىستىدى، ياۋروپانىڭ ئىلگىرى سالغان مەبلەغلىرىمۇ يوققا چىقىدۇ. شۇڭا ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەت ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى داۋاملىق ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا كېلىشىمدىن چېكىنىش ۋە ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈش قىلمىشىغا قارشى تۇردى.

مەسىلە شۇكى، ياۋروپا ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىران بىلەن داۋاملىق ئىقتىساد سودا قىلىش ئىستىكى بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىساد سودا ھەرىكىتىنىڭ باش گەۋدىسى بولغان ياۋروپا كارخانىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئامېرىكىنى خاپا قىلىپ قويۇشنى خالىمايدۇ، ھۆكۈمەتمۇ ئۇلارنى قىستاشقا ئامالسىز. ئامېرىكا ئىرانغا چەكسىز بېسىم ئىشلىتىشتا چىڭ تۇردى، ياۋروپا ئەللىرىمۇ ئامېرىكىنى يول قويۇشقا ماقۇل كەلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭا ئىراننىڭ ئىقتىساد پايدىسىنى قاندۇرۇش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن تەس.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىراننىڭ ياۋروپا ئەللىرىنى ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق كېلىشىمنى بۆسۈپ چىقىشقا قىستىشى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. ئەگەر ئىران بۆسۈش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتسە، ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بولغان زىددىيىتى داۋاملىق كۈچىيىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىچىدە، ئەنگلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى مۇقىم ئەمەس. ئەنگلىيە بىلەن ئىران بىر-بىرىنىڭ پاراخوتىنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە خورموس بوزىغۇزىغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ پاراخوتلارنى قوغدى، بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنگلىيە يېڭى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىزالاشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا ئىرانغا قارىتىلغان سىياسەتتە ئامېرىكىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ.