ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنىغا ئارىلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئەسلەتمە ئېلان قىلىپ، جۇڭگونى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتى ھەر قانداق بىر ياكى ئاز ساندىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئىگىدارلىقىدا ئەمەس ۋە ئۇلارنىڭ دېگىنى ھىساب ئەمەس، دۇنيا سودا تەشكىلاتى بارلىق ئەزالارنىڭ ئومۇمىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. كىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزاسى بولىدۇ؟ بۇنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك، بۇ جەرياندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرىدۇ، خەلقئارادىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماستىن، بەلكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇنداقلا خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتى سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان تۆھپە قوشىدۇ، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا ئەزالارنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ئىلگىرىكىدەكلا ياردەم بېرىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

خۇا چۈنيىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورنىنى بېكىتىشتە ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز بېشىمچى تەلۋىلىكى ۋە شەخسىيەتچىلىكىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى. مېنىڭچە، بۇنداق ئۇسۇل ئۇنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ماس كەلمەيدۇ. ھازىر جۇڭگودا «ئادەم بەك ئامېرىكىچە بولۇپ كەتسە بولمايدۇ » دەيدىغان مودا بىر گەپ بار، بىز ئامېرىكىدىكى بەزىلەرنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.