چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىمىز كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«1-ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. مېھمانلار جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ خەلقئارا مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسىگە ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

فىلىپپىننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لورېنزانا: فىلىپپىن-جۇڭگو ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى.

جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لياۋ لىچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-مىسىر ئارمىيەلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى، خادىملارنى تەربىيەلەش، جابدۇق تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى ئارمىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى قىلىپ، ئۆز دۆلىتى خەلقى ئىشىنىدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان قوراللىق كۈچكە ئايلاندى.

جۇڭگونىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى دۇ نوڭيى تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم كۈچ. جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، كورىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بىر-بىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ .

بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ۋۇ شياۋيى، جۇڭگونىڭ مالايسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى جاڭ ۋېي، جۇڭگونىڭ بېنگالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ليۇ فاڭجيەن، جۇڭگونىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى جاڭ سۇ قاتارلىقلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.