15-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ھەربىي لاگېرىنى تاماملاش مۇراسىمى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىنىڭ شىنۋېي گازارمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

15-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر يازلىق ھەربىي لاگېرىنى تاماملاش مۇراسىمى ئۈلۈشكۈن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمىنىڭ شىنۋېي گازارمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. شياڭگاڭلىق 600 ياش-ئۆسمۈر بۇ يەردە 15 كۈنلۈك ھەربىي يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ جيەنخۇا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىن جېڭ يۆئې، مەركەزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى شۇ كۈندىكى ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

لىن جېڭ يۆئې مۇنداق دېدى: ساۋاقداشلارنىڭ بۇ خىل ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى ئىنتايىن قوللايمەن، بىر قاتار مەشىق پائالىيەتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى يېتىلدۈردى، جاپاغا چىداپ تەلەپچان بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش روھىنى نامايان قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قىممەتلىك كەچۈرمىشلەر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى بىر ئۆمۈر نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.