رايون مۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى سىنىقى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېلىمىز پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولغان رايون مۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى سىنىقى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ.

شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى قاتارلىق سىناق نۇقتا رايونلىرى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چۆرىدەپ، يېڭى سىياسەت تەدبىرلەرنى تۈزىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭجۇ يېشىل پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزىۋاتىدۇ، گۇاڭشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەن پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىش ھەققىدە بىر قانچە تەدبىرنى چىقىرىدۇ، ئالاقىدار تەپسىلىي ھۆججەتلەرنىمۇ تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. كېلەركى قەدەمدە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالدىن سىناق قىلىپ ئالدىن يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىناق نۇقتىلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ بىرى پىشسا بىرىنى چىقىرىدۇ، ھەمدە جانلىق تەڭشەيدىغان رايون پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى خىزمەت مېخانىزىمى ئورنىتىپ، سىناق نۇقتىسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىدۇ.

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتلىمى رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى. يېقىندا ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە رايوننىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، پۇل-مۇئامىلە ئارقىلىق دۆلەتنىڭ رايون تەرەققىياتى چوڭ ئىستراتېگىيەسىنى قوللاش؛ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار»، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شۇنداقلا پۇل مۇئامىلىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالدىن سىناق قىلىپ ئالدىن يولغا قويۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سىناق نۇقتىلىرىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولغان ئىسلاھات تەدبىلىرىنىڭ بىرى پىشسا بىرىنى چىقىرىش كېرەك. مەركىزىي بانكا قاتلىمى مۇنداق دېدى: رايوننىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىناق نۇقتىسى ئۈستىدە ئىزىدىنىۋاتىمىز، ئالاقىدار مېخانىزىملارنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، رايون ئىسلاھاتى تۈرلىرى ھەققىدە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزىمى ئورنىتىپ، رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىغا بولغان بىر تۇتاش پىلانلاپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىمىز.

پەنگۇ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋۇ چى مۇنداق دېدى: رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. ئالدىن سىناق قىلىش، ئالدىن يولغا قويۇش ئارقىلىق، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش نۇسخىلىغىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە پايدىلىق ئىسلاھات تەجرىبلىرىنى خۇلاسىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، دۆلەتنىڭ پۈتكۈل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى پايدىلانما ۋە كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.