پۇقراۋى ۋە كىچىك ئۇششاق كارخانىلار يەنە نەپكە ئېرىشىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

 مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى يېقىندا بىرلىشىپ «مالىيە ئارقىلىق پۇقراۋى ۋە كىچىك ئۇششاق كارخانىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال ئسلاھاتىنى قوللايدىغان سىناق شەھەرلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2019-يىلىدىن باشلاپ، مالىيە مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، مالىيە ئارقىلىق پۇقراۋى ۋە كىچىك ئۇششاق كارخانىلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال ئسلاھاتىنى قوللايدىغان سىناق شەھەرلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، مەركەز مالىيەسى مۇكاپات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىش يەرلىكنى ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالدىن سىناق قىلىپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، پۇقراۋى ۋە كىچىك ئۇششاق پۇل-مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۈنۈملۈك ئەندىزدە ئۈستىدە ئىزدىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەركەز مالىيەسى تولۇقلىمىنىڭ ئورنىغا مۇكاپاتنى دەسسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سىناق نۇقتىسى شەھەرلىرىنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالدىن سىناق قىلىپ، ئالدىن يولغا قويۇپ، مەركەزنىڭ باج كېمەيتىپ ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل-مۇئامىلە بايلىقىنى بازار قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا كىچىك كارخانىلارنى قوللاپ، ئۇششاق كارخانىلارغا ياردەم بېرىشكە يېتەكلەپ، تەجرىبە خۇلاسىلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقىرى تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، پۇراقۋى ۋە كىچىك-ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىش، كېڭەيتىش، تەنەرخ تۆۋەنلىتىش، خەۋپنى كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ.