تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قائىدە تۈزۈملەرنى بېكار قىلىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى: ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان 52 ئۈنۈملۈك تارماقلار قائىدە تۈزۈمىنى بىرمۇ-بىر رەتكە سالغاندىن كېيىن، 8 قائىدە تۈزۈمنى بېكار قىلىش، 15 قائىدە تۈزۈمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدۇق، دېدى. ئالاقىدار مەسئۇل: بۇ قېتىمقى تارماقلار قائىدە تۈزۈمىنى رەتكە سېلىش خىزمىتى تارىختا بولۇپ باقىمىغان قاتتىق دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى رەتكە سېلىش ھېسابلىنىدۇ، دېدى.

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قائىدە تۈزۈم مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋىي لىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇنجى تۈركۈمدە بېكار قىلىنغان ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان قائىدە تۈزۈملەرنىڭ سانى ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ، 300 نەچچە كونكرېت ماددىغا چېتىلىدۇ. بۇ خىل كەڭ دائىرىدە بېكار قىلىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى سەۋەب شۇكى، ئەسلىدىكى قائىدە تۈزۈملەر تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق سىستېمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تىزگىنلەشكە ماس كەلمىدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇش فۇنكىسىيەسىنى قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىمۇ چىقىش قىلدۇق.

ۋىي لىخۇا مۇنداق دېدى: كېلەركى قەدەمدە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەڭشەش، قانۇن ئىجراسى، ئىسپات ئاڭلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تارماقلارنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، ئەسلى ئىجرا قىلىنىۋاتقان كونا قائىدە تۈزۈملەرنى بېكار قىلىدۇ.