يېڭى قۇۋۋەتكە مەبلەغ سېلىشتا يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، تەرەققىياتقا بولغان ھالقىلىق رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى قۇۋۋەتكە مەبلەغ سېلىشنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. 2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، يۇقىرى تېخنىكا كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ يىلىغا ئوتتۇرىچە %16.9 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سالغان مەبلىغىدىن 6.2 پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقىغا سېلىنغان مەبلەغ يىلىغا ئوتتۇرىچە %15 ئاشتى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئاشتى، ئېشىش كۆلىمى يىلىغا ئوتتۇرىچە %15.6 بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سېلىنغان مەبلەغ داۋاملىق تەكشى ئاشتى، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى سىجىل ياخشىلاندى، مەبلەغ سېلىش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، 2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى يىلىغا ئوتتۇرىچە %10.7 ئاشتى. كەسپكە سالغان مەبلەغ مۇۋاپىقلىشىشقا يۈزلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سەرخىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1982-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، 1-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ يىلىغا ئوتتۇرىچە %18.1، 2-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ يىلىغا ئوتتۇرىچە %19.1، 3-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ يىلىغا ئوتتۇرىچە %20.4 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى سېلىنغان بارلىق مەبلەغدىن 0.6 پوئېنت يۇقىرى بولدى. 3-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ تېز ئېشىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ 1-چوڭ كەسىپكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 2018-يىلى، 3-كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغنىڭ سېلىنغان بارلىق مەبلەغدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %59.3 كە يەتتى.

بۇندىن باشقا، يېڭى قۇۋۋەتكە مەبلەغ سېلىشنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. يۇقىرى تېخنىكا كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ تېز ئاشتى، 2013-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، يۇقىرى تېخنىكا كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ يىلىغا ئوتتۇرىچە %16.9 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سالغان مەبلىغىدىن 6.2 پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېخنىكا ياسىمىچىلىقىغا سېلىنغان مەبلەغ يىلىغا ئوتتۇرىچە %15 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ياسىمىچىلىققا سېلىنغان بارلىق مەبلەغدىن 5.4 پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىگە سېلىنغان مەبلەغ يىلىغا ئوتتۇرىچە %20.3 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى مۇلازىمەتچىلىككە سېلىنغان بارلىق مەبلەغدىن 8.2 پوئېنت يۇقىرى بولدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى، سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يول باشلاش، ئەقلىيفون، كومپىيۇتېر، ئېلېكتىرونلۇق خەۋەرلىشىش قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى تېخنىكا كەسىپلىرىدە، سىستېمىسى مۇكەممەل، تولۇق يۈرۈشلەشكەن، ئىقتىدارى كۈچلۈك كەسىپ ئېكولوگىيە سىستېمىسى شەكىللىنىپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەسىگە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا.

بۇ جەرياندا، مەبلەغ سېلىش سۇبيېكىتلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئەندىزىسى شەكىللەندى. 2018-يىلى، ئېلىمىزدە دۆلەت ئىگىلىكى ۋە كوللېكتىپ ئىگىلىككە سېلىنغان مەبلەغ %28.6 نى، پاي تۈزۈمى ئىگىلىكىگە سېلىنغان مەبلەغ %30.1 نى، خۇسۇسىي، يەككە ئىگىلىككە سېلىنغان مەبلەغ %34.6 نى، چەتئەل سودىگەرلىرى ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر سالغان مەبلەغ %4.5 نى ئىگىلىدى، 2003-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى زورايدى، ئەلئىچى سېلىنمىسى تېز ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى يىلىغا ئوتتۇرىچە %22.4 بولدى، ئەلئىچى سېلىنمىسىنىڭ نىسبىتى 2003-يىلىدىكى %38.1 تىن 2018-يىلى كۆپىيىپ %62.6 كە يېتىپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.