كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ تەخمىنەن %40ى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-30 17:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. جۇڭگو كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەن 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىدىكى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى 357 نۇقتىلىق ناھىيە ۋە باشقا رايون-ناھىيەلەرنىڭ 141ى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەت كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنى قوللاشنى ئۆزلۈكسىز زورايتىۋاتىدۇ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. 2018-يىلى مەركەزنىڭ يەرلىكتىكى كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش كۆلىمى 11 مىليارد 58 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2018-يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋىي پاراۋانلىق پۇلىدىن كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىنى قوللاشقا ئاجراتقان مەبلەغ 2 مىليارد يۈەن بولدى.