«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:11

8-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان 15-سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرەيلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ ئىلغارلىق ۋە ساپلىقنى، ياشلىق باھارى ۋە ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، قانداق قىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى قانداق قىلىپ ئاشۇرالايدۇ، بۇ بىزنىڭ ياخشى جاۋاب بېرىشىمىز، ياخشى ھەل قىلىشىمىز شەرت بولغان تۈپ مەسىلە. پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى تەلەپ قىلىشى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنىڭ پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، باش مەقسىتى، غايە ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى، قانچە ئۇزاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەنسېرى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى شۇنچە ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش روھىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا شۇنچە بولمايدىغانلىقىنى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدىن باتۇرانە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىدىغان، جۇشقۇن ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئەسكەرتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىزدىنىشنى باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقستى ۋە بۇرچى قىلغان، ھەمدە بۇنى پارتىيەنىڭ بارلىق كۈرەشلىرىدە ئىزچىل نامايان قىلغان. پارتىيەنىڭ تارىخىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز نېمىشقا شۇنچە ئاجىز ئەھۋالدىمۇ قەدەممۇ-قەدەم تەرەققىي قىلىپ زورايغان؟ قانلىق كۈرەش جەريانىدا ئارقا-ئارقىدىن ئورنىدىن دەس تۇرغان؟ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش جەريانىدا غەلبەسېرى ئالغا ئىلگىرىلىگەن؟ بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، مەيلى ئوڭۇشلۇق ئەھۋال ياكى ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا بولسۇن، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماسلىقتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، خەلقنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ۋە قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چوقۇم كۈچلۈك ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىش روھى بولۇشى كېرەك. ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆز سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، مەنزىلى يىراق، ھەرگىزمۇ «بىردەم توختاپ تۇرايلى، بىردەم ئارام ئېلىۋالايلى» دېيىشكە بولمايدۇ. ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستا چىڭ ساقلاشتىكى ئاچقۇچ مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىدا.