بۇ يىل ئىنسانلار تەبىئىي بايلىق يىللىق «خامچوت»ىنى مۇددەتتىن بۇرۇن سەرپ قىلىپ بوپتۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:11

ئامېرىكىغا جايلاشقان مۇھىت ئاسراش ئورگىنى «يەر شارى ئىزى تورى» يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ يىلقى «يەر شارى نورمىسى ئېشىپ كېتىش كۈنى»، يەنى ئىنسانلار مۇشۇ كۈنى 2019-يىلى بىر يىللىق تەبىئىي بايلىق «خامچوت»ىنى خورىتىپ بولدى، بۇ 20 يىلدىن ئاۋۋالقىدىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ئالدىغا سۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

بۇ ئورگان ئىنسانلارنىڭ يەر شارى تەبىئىي بايلىقىنى خورىتىشى ۋە يەر شارى جانلىقلىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نورما ئېشىپ كېتىش كۈنى دېگىنىمىز شۇ كۈندىن باشلاپ ئىنسانلارنىڭ شۇ يىللىق تەبىئىي بايلىق چىقىمىنىڭ يەر شارىنىڭ شۇ يىللىق جانلىقلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئومۇمىي تەمىناتىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي بايلىق سەرپىياتى سۈرئىتى يەر شارىنىڭ تىرىلمە بايلىق سەرپىياتى سۈرئىتىنىڭ 1.75 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان، يەنى بۇ يىل ئىنسانلار 1.75 يەر شارىدىكى تىرىلمە تەبىئىي بايلىقنى سەرپ قىلىپ بولىدۇ دېگەنلىك، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ بايلىق سەرپىياتى سۈرئىتى ئەڭ تېز ئىكەن.