مەركىزىي كومىتېت پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 17:49

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەم كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەم كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ھەققىدە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، جاسارەتنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەم ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەم ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ياخشىلىنىش يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئويلىرىنى تونۇشتۇردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇخۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىلى لى داۋكۈي ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەھلىلى ھەم كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ھەققىدىكى ئويلىرىنى قۇۋۋەتلىدى ھەم ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سىستېمىلىق پەن-تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى قىلىش، تېخنىكا بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ساغلاملىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ مۇلازىمەت بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زور خېيىم-خەتەرلەردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پەن-تېخنىكا تىپىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سىرتقا چىققان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى بىلەن ئەلرايىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن پىكىر-تەكلىپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىل. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش، مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم ئىلگىرىلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، دىققىتىنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكلەشكە تۈرتكە بولۇش، سودا مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۇششاق سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر يۈرۈش يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. بولۇپمۇ مەسئۇل يولداشلار مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۆمەك باشلاپ نامرات جايلارغا بېرىپ، دىققىتىنى نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قارىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمدەمدە بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقاردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يولداشلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپچىلىك سۆزلىرىدە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى قانداق تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلىش، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلەش ھەققىدە قاراتمىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك كونكرېت پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالاقىدار تارماقلار بۇلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشى، پائال قوبۇل قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىمىز، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور، جايلار، تارماقلار غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق ئۈچ نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن خەلقئارا مۇھىت ۋە ئىچكى شارائىتتا چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. پەقەت بىز ئىرادىنى ساقلاپ، مەھكەم پۇت تىرەپ تۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەش جەريانىدا ئەمەلىي كۈچنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىپ چىقىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا يېڭى ۋەزىيەتنى ئاچساقلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ مەزمۇت ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى تەھلىل ۋە ھۆكۈملىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەزالارنى ئىشەنچىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 2-دىققەتنى نۇقتىلىق نىشان-ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەقىل-چارە كۆرسىتىش لازىم. ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى، تەرەققىيات ئىدىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۆزگەرتىش بىراقلا ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمەيدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلگەن نۇقتىلىق مەسىلىلەر، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پىشىپ يېتىلگەن، قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 3-تەرەققىيات يولىدىكى قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بىز تەڭداشسىز مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز ھەم جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ ھەم ئالغا بېسىش يولىدىكى ئەگرى-توقايلىقلار، قىيىنچىلىقلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش ۋە توسۇشقا بولغان تەييارلىق كۈرىشى، خېيىم-خەتەرنى تۈگىتىش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيە تەشەببۇسكارلىق كۈرىشىنى ياخشى قىلىشىمىز لازىم. مەن كۆپچىلىكنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا دادىل كۈرەش قىلىپ، پائال، تەشەببۇسكار سادا چىقىرىپ، خاتا گەپ-سۆزلەرگە مەردانىلىك بىلەن رەددىيە بېرىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ئىجابىي كۈچىنى پائال تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.