جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىلدى، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوكلاتى»غا قاراپ چېقىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:09

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوكلاتى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى ۋە تاشقى خەۋپ، خىرىس كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا ماكرولۇق سىياسەتنى تەتۈر دەۋرىيلىك بويىچە مۇۋاپىق تەڭشەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىم ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملاشتى، ئاساسلىق ماكرولۇق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولدى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قەدەر تولۇق بولدى، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى داۋاملىق ئاشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئىجابىي ئامىللار كۆپەيدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى خەۋپ ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېغىرلىدى، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك چوڭ ۋەزىيەتنى پەملەپ، ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ. مۇقىم ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت باش رېتىمىدا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى باش لىنىيە قىلىشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ماكرولۇق سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، مىكرولۇق سىياسەتنى جانلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي سىياسەتنى ئەڭ تۆۋەن چەك قىلىشتەك ئومۇمىي تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجابىي مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، باج كېمەيتىپ ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ پۇل سىياسىتىنى مۇۋاپىق بوشىتىپ، ئېقىشچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «پۇختىلاش، كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى زىچ چۆرىدەپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى، كەسىپ جەنزىنىڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكى تەلەپنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئاخىرىقى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، يېزا بازىنى ئۈنۈملۈك ئېچىپ، ئىسلاھات ئۇسۇللىرىدىن كۆپ پايدىلىنىپ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش كېرەك. ياسىمىچىلىققا مەبلەغ سېلىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، شەھەرلەردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى، شەھەر-يېزىلارنىڭ سوغۇق ساقلاپ ئوبوروت قىلىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلاردىكى كەم كۇستىلارنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۇچۇر تورى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، چوڭ ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەرلەر توپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ پۇل نېسى قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. «مۇردا كارخانىلار»نى تازىلاشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، بىر قاتار چوڭ ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنى ياسىمىچىلىق، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاشقا يېتەكلەپ، خېيىم-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش رىتىمى ۋە كۈچىنى توغرا پەملەپ، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تاختىسىدا ئورۇننى چىڭ ساقلاپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش يادرو قىلىنغان تىزىملاش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆي ھايانكەشلىك ئۈچۈن ئەمەس تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈكنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي-مۈلۈكنى قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادنى غىدىقلاش ۋاسىتىسى قىلماسلىق كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى پۇختىلاپ كېڭەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بازار تەمىناتى ۋە مال باھاسىنىڭ ئاساسىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تەبرىكلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش» نى تۈپ پىرىنسىپ ۋە مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنى تېخىمۇ قاتتىق قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەخسۇس نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ خىزمەت ئورگانلىرى مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن، كېيىن ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلار، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئارىسىدىكى ئىشلىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، روشەن ئىش قىلىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك .

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈشتە يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەتچىلىك تورىنى بەرپا قىلىشنى ئېنىق ئورۇنلاشتۇردى. مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ نۆۋەت كۆزىتىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە مەسئۇلىيىتىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشقا زور تۆھپە قوشقان، لېكىن يەنە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانماقتا. كۆزىتىش، تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش بىلەن «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لاينىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئادا قىلىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. تۈزىتىش بىلەن كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، «تۆت ناتوغرا ئىستىل»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىپ، بىرى ئارقىلىق كۆپكە ئىبرەت قىلىپ، يوچۇقنى تېپىپ چىقىپ، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى كارخانىنىڭ ھەر قايسى قاتلام، ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش نەتىجىسىدىن ھەر تەرەپلىمە ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.