جۇڭگونىڭ خۇاۋىي شىركىتىنىڭ 5G تورى ئەسلىھەرلىرى 5G تورىنىڭ سىگنالىنى موناكونىڭ 2 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئاسمىنىغا تارقاتتى، 5G تورى موناكونى ھەر قايسى كەسىپلىرىگە قولايلىق ياراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:09

ياۋروپانىڭ جەنۇبىغا، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ بويىغا داڭلىق كىچىك دۆلەت موناكو جايلاشقان. ئۆتكەن يىلى، موناكودىكى كاتىر كۆرگەزمىسىدە 5G تورى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن ئىدى؛ بۇ يىل موناكو دۇنيادىكى 5G تورى بىلەن پۈتۈن قاپلانغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلاندى، كېلەر يىلى، 5G تورى موناكودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاپتوموبىل بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە مۇسابىقىسىدە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسىگە جۇڭگونىڭ تېخنىكىسى كۈچ بەردى. جۇڭگونىڭ خۇاۋىي شىركىتىنىڭ 5G تورى ئەسلىھەرلىرى 5G تورىنىڭ سىگنالىنى موناكونىڭ 2 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئاسمىنىغا تارقاتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى موناكوغا بېرىپ، قولاي، سۈرئىتى تېز 5G تورىنى ئىشلىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاممىنىڭ 5G تورى يېڭى ئىقتىسادىغا بولغان ئۈمىدىنى ھېس قىلدى.

2018-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدا، موناكو تېلېگراف شىركىتى بىلەن خۇاۋىي شىركىتى 5G تورى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى. ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، موناكو كاتىر كۆرگەزمىسىدە تۇنجى 5G تورى رايونى تەسىس قىلىندى، 5G تورى بىلەن ئۇلانغان ئۇچقۇ كاتىر كۆرگەزمىسىنى نەق مەيداندىن سۈپسۈزۈك سۈرەتكە ئېلىپ تارقاتتى.

موناكونىڭ دۆلەت زېمىنى ئاران 2 كىۋادرات كىلومېتىر، 5G تورى بىلەن پۈتۈن دۆلەتنى قاپلاش ئۈچۈن ئون نەچچە ئاساسىي پونكىت قۇرسىلا بولىدۇ. بۇ يىل، 5G تورى بەرپا قىلىندى ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، موناكو تېلېگراف شىركىتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى 5G تورىنى سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى مارتېن پېرونى: موناكو دۇنيا بويىچە 5G تورى بىلەن قاپلانغان تۇنجى دۆلەت، بۇ سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

موناكونىڭ 5G تورىنىڭ سۈرئىتى زادى قانچىلىك تېز؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، موناكو تېلېگراف شىركىتى تەمىنلىگەن 5G تورىنىڭ چۈشۈرۈش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 400 مىگابايتتىن 600 مىگابايتقىچە ئىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەڭ تېز بولغاندا سېكۇنتىغا 1496 مىگابايتقا يېتىدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى 4G تورىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئىتى سېكۇنتىغا 100 مىگابايتقا يېتىدۇ. موناكودا يانفون ئارقىلىق تورغا چىققاندا، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 4G تورىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

مارتېن پىرونى خۇاۋىي شىركىتىنىڭ موناكودىكى 5G تورى قۇرۇلۇشىدىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ: خۇاۋىي شىركىتىنىڭ 5G تورى تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، خۇاۋىي شىركىتى بىزنى سۈپەتلىك تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، موناكو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش خاھىشىنى بىلدۈردى، دېدى.

3G، 4G تورى دەۋرىدىن باشلاپ، خۇاۋىي شىركىتى موناكو تېلېگراف شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. خۇاۋىي شىركىتىنىڭ تېخنىكا ياردىمىدە، موناكو دۇنيا بويىچە بىرقانچە تۈردە تۇنجىلىقنى ياراتتى، دۇنيا بويىچە تۇنجى 1000 مېگابايتلىق مۇقىم تور كەسپىنى يولغا قويدى، دۇنيا بويىچە تۇنجى 1000 مېگابايتلىق كۆچمە تورىنى ئورۇنلاشتۇردى.

موناكو تېلېگراف شىركىتىنىڭ ياش ئىنژېنېرى روجېرو سىكىياۋى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئەترىتىمىزدىكى 20 خادىم 5G تورىنىڭ يادرولۇق تورىنى ئېچىش ۋە ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، بىز دىققىتىمىزنى خۇاۋىي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ 5G تورى مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا قاراتقان، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، بۇ بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس، خۇاۋىي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى.

موناكونىڭ باش ئىجرائىيە سېفىر ئەمەلدارى فېدرىك مۇنداق دېدى: 5G تورى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە ئىش ئورنى ياراتتى، بۈگۈنكى موناكو باش بولۇپ 5G تورى دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئىشىنىمەنكى، 5G تورى كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان يېڭى ئىقتىساد يارىتىدۇ.

موناكودا 5G تورى ئامما تۇرمۇشىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. موناكو تېلېگرافى 5G تورى ئارقىلىق ئاممىۋى قاتناش تارماقلىرىغا ئاقىل بېكەت قۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ ئاممىنىڭ ئۇچۇرلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سەپەر سۈپىتىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ھازىر بىر بېكەتتە 5G تورى تېرمىنالى ئورنىتىلدى، كەلگۈسىدە 32 بېكەتكە ئارقا-ئارقىدىن ئورنىتىلىدۇ.

فېدرېك مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، موناكودىكى ئوت مۇداپىئە خادىملىرى 5G تورىغا ئۇلانغان ئۇچقۇ ئىشلىتىدۇ، ئۇچقۇ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 4K بولغان كۆرۈنۈشنى ۋاقتىدا يەتكۈزىدۇ، بۇ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە زور قولايلىق يارىتىدۇ. 5G تورى 2020-يىلى موناكودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىدە قوللىنىلىدۇ. موناكو 5G تورىغا بىرلەشتۈرۈپ شوپۇزسىز ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، بۇ تېخنىكا 2021-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

مارتېن پېرونى مۇنداق دېدى: موناكو ئىنتايىن ئالدىراش دۆلەت ئىدى، 5G تورى موناكونى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. موناكو 5G تورى مۇلازىمتىىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئابۇنىچىلار خېلى كۆپەيدى، كېيىن 5G يانفونلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن موناكو تېلېگرافىنىڭ يېرىمغا يېقىن ئابۇنىچى 5G تورىنى ئىشلىتىشى مۇمكىن.