«مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرايلى - كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:09

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرايلى - كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە» ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل بولغاچقا، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى ۋە تاشقى خەتەر، خىرىس كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. سانلىق مەلۇمات ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىم ئىلگىرىلەشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان، ئاساسلىق ماكرولۇق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئىجابىي ئامىللار كۆپەيگەن.

ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ كەسكىن بولدى ۋە مۇرەككەپلەشتى، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېغىرلىدى، ئەمەلىي ئىقتىساد يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، مۇھىم ساھەلەردىكى خېيىم-خەتەر يەنىلا مەۋجۇت، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەنىلا نۇرغۇن كەم كۇسلارنى تولۇقلاش كېرەك. ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى ساقلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىش قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىيەتنى پەملەپ، ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.