يېڭى قۇۋۋەتنى داۋاملىق زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يارىتىش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:10

جايلارنىڭ يېرىم يىللىق ئىقتىساد دوكلاتى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىرغىچە، ئاز دېگەندە 26 ئۆلكە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىم ئىلگىرىلەش يەنىلا ئاچقۇچلۇق سۆز بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە مۇقىملىق سۈرئەتتە ئىپادىلەندى، 15 ئۆلكىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %6.3لىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى ياكى تەڭلەشتى، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولدى؛ ئىلگىرىلەش بولسا قۇرۇلما ۋە سۈپەتتە ئىپادىلەندى، جايلارنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى. كېيىنكى يېرىم يىلغا نەزەر تاشلىساق، يەرلىكلەر ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا غايەت زور ئىچكى بازارنى نىشانلاپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى مۇقىم ئېشىشتا تېخىمۇ مۇھىم رولغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تېز سۈرئەتتە يېتىلىشى يەرلىكلەرنىڭ يېرىم يىللىق دوكلاتىدىكى بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىكى مۇھىم بەلگە شۇكى، يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلات ئۈزلۈكسىز زورايدى. يەنە بىر مۇھىم بەلگە شۇكى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندى.

ئەمەلىيەتتە، يەرلىكلەرنىڭ يېرىم يىللىق ئىقتىساد دوكلاتىدا، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ قالماستىن بەلكى يەنە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىۋاتقانلىقى نامايان بولدى. ئىچكى تەلەپ جەھەتتىن قارىغاندا، ئىستېمالنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ يېتىلىشى ئىستېمال بازىرىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئاتا قىلغان.

كېيىنكى يېرىم يىلغا نەزەر سالساق، مۇقىم ئېشىشتا سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى ۋە ئىستېمالنىڭ ئۇللۇق رولىنى يەنىلا داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، يېڭى قۇۋۋەت بۇ جەرياندا تېخىمۇ چوڭ يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە، خەلقئارا ئىقتىساد ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقى يېتەرلىك، ھاياتى كۈچى زور، تەرەققىيات بوشلۇقى داۋاملىق كېڭەيمەكتە. يەرلىككە نىسبەتەن، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كۈچنى ساقلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. قىسمەن جايلارنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى كەسىپىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولسىمۇ، لېكىن ھەجىمى يەنىلا كىچىك، شۇڭا يېڭى كەسىپ، يېڭى قۇۋۋەت ۋە يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش كېرەك.