مەركىزىي كومىتېت يىغىنىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشىگە نەزەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:10

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

بوران-چاپقۇن، خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىگە ئېنىق ھۆكۈم چىقاردى ھەم ئېنىق ئورۇنلاشتۇردى، بۇ-جەزمەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتىنى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق ئالغا بېسىشقا يېتەكلەيدۇ.

ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، كېيىنكى يېرىم يىلدا داۋاملىق مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەيدۇ. ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ نەتىجىلەر شۇكى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن يەتتە مىليون 370 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا %60.1 تۆھپە قوشتى.

يىغىندا ئىجابىي ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولۇش، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش تەرەققىيات يۈزلىنىشى داۋاملاشتى، ئاساسلىق ماكرولۇق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق دائىرىدە بولدى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ئىش ئورنى بىر قەدەر تولۇق بولدى، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتى داۋاملىق ئۆستى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللار تېخىمۇ كۆپەيدى دېيىلدى.

جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئىلىم كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭيۈەن بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: خەلقئارا ۋەزىيەت كۈنسايىن چىگىش، مۇرەككەپ بولماقتا، دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇلمىلىق، تۈزۈلمىلىك زىددىيەتلەر گەۋدىلىك بولماقتا، مەركەز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئېھتىياتچان ھالدا ئاقىلانە ھۆكۈم قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىزلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەييارلىق، ئالدىنقى لايىھەنى ياخشى قىلىپ، ئاساسلىق زىددىيەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشنى تەكىتلىدى.

گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى لى چېڭجيەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: مەركەز ئىسلاھات ئۇسۇلىنى كۆپ قوللىنىپ، ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى تەكىتلىدى، بۇ-ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە، مەسىلەن: يېزا بازارلىرىدا، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىستېمالىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈش؛ شەھەر ئىستېمالىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرھال يۇقىرى تەمىنات يېتىشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى تەمىناتنى يارىتىپ، يېڭى ئېھتىياجىنى قويۇۋېتىش كېرەك.

دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زېڭ گاڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئىككى چوڭ ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، ئومۇمىي مىقدار ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن تۇتۇش قىلىنىپ، ھەممىسى ئۆز تەقسىماتى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتىغا بىرلىكتە ھەمدەمدە بولىدۇ.

جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-ئىقتىساد ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جىيۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش-ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنى، يىغىندا، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى ئازايتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جۇڭگو خەلق داشۆسى چۇڭياڭ پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ شىمياۋ مۇنداق دەپ قارىدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز كۆلىمى ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملىق مۇقىم ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارخانىلارنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك قەرزىنىڭ ئېشىشى ھالسىز بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خېيىم-خەتىرىنىڭ يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە يولغا قويۇلغان بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەم خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق رايون ماسلاشما تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەلىرى چوڭقۇر يولغا قويۇش ۋە تېز ئىلگىرى سۈرۈش باسقۇچىغا كىرىپ، شەھەرلەر توپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش-مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولۇپ قالدى. زور ئىستراتېگىيەلەرنى يولغا قويۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بۆشۈكىنى بەرپا قىلىش، بولۇپمۇ تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى بازار مۇھىتى، مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي مۈلۈك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سېلىنغان مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.8 تۆۋەنلىدى. 6-ئايدا، 1-، 2-، 3-سەپتىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەر ۋە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئۆي ھايانكەشلىك ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، ئۆي مۈلۈك كەسپىنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئۆي مۈلۈك كەسپىنى ئىقتىسادنى قىسقا مۇددەت قوزغىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشقا بولمايدۇ دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.

جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: «ئۆي ھايانكەشلىك ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن قاراش تەدرىجىي كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئەگەر ئۆي مۈلۈك كەسپىنى ئىقتىسادنى قىسقا مۇددەت قوزغىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالساق، ئۇزۇن مۇددەتلىك خېيىم-خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. يىغىندا، «ئۆي مۈلۈك كەسپىنى ئىقتىسادنى قىسقا مۇددەت قوزغىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۆي مۈلۈك كەسپى بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەشتىكى قەتئىي ھەم ئېنىق سىگنال چىقىرىلدى.

كېيىنكى يېرىم يىلغا نەزەر سالساق، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا يوشۇرۇن ئىقتىدار قېزىپ چېقىلىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ مەزمۇت ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.