ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يەنە تەڭقىسلىقتا قۇيدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:10

يېقىندا، ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئارقا-ئارقىدىن بېسىم ئىشلىتىپ، «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر» ئايرىمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا يەنە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەدلىيەلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە كۆپ قېتىم توسقۇنلۇق قىلىپ، نارازىلىق ئەرز ئورگىنىنىڭ ئادەم يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىشتىن توختاپ قېلىشتەك يىغىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىر باياناتىدا: ئەگەر 90 كۈن ئىچىدە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئايرىش توغرىسىدىكى ۋاقتى ئۆتكەن ئۇسۇلنى ماھىيەتلىك ئىسلاھ قىلالمىسا، ئامېرىكا تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ دېگەن. ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئايرىش ئۆلچىمى بەزى دۆلەتلەرنى ئادىل بولمىغان ئېتىبار بېرىش تەمىناتى بىلەن تەمىنلىدى دەپ قارىغان.

ئامېرىكىنىڭ بۇ باياناتى قارشى سادا پەيدا قىلدى. «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ماددىلارغا قوللانغان ھەرىكىتى دۇنياۋى ئۇرۇش قوزغىشى مۇمكىن. سىنگاپور سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىنگاپور گەرچە دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» لىك ئورنىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت كېلىشىمىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋە پەرقلىق مۇئامىلىسىدىن پايدىلىنىپ ئادىل بولمىغان ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمىدى .

بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا يەنە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەدلىيەلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە توسقۇنلۇق قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نارازىلىق ئەرزى مېخانىزمىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. 1995-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۇنيا سودا تەشكىلاتى نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسى تالاش تارتىش بولۇۋاتقان دۆلەت دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قىلغان دەۋادا ئاخىرقى كېسىم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى نامايەن قىلىنغان ئىدى. ئەمما ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ترامپ يېڭى سودىيەنى ۋەزپىگە تەيىنلەش ئارقىلىق پېنسىيەگە چىققان سودىيەلەرنىڭ بوش ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا 114 دۆلەت بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەدلىيەلىك ۋەزىپىگە تەيىنلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. بەزى دۆلەتلەر تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كانادا سودا تالاش تارتىشىنى ھەل قىلىش يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق دەسسىتىش ئاپپاراتى قىلىشقا قوشۇلغان.

بېيجىڭ داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۇەنىنىڭ پىروفېسسورى، ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە ئامېرىكا تىلغا ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا ناھايىتى روشەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1986-يىلى تاموژنا بېجى سودا باش كېلىشىمى توغرىسىدىكى ئۇرۇگۋاي سۆھبىتىدىن كېيىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش بىر قەدەر تارايدى.

يېقىندا، ترامپ ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئارقا-ئارقىدىن يولسىز تەلەپلەرنى قويدى، بۇنىڭغا دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي تۈرتكە بولغان. 2020-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ترامپ ھۆكۈمىتى سودا قورۇقچىلىقى ۋىۋىسكىسى ئارقىلىق ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئامېرىكىنىڭ سودا مەسىلىسىنى سىرتقا ئارتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسى «ئادىل بولمىدى» دېدى. ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى دۇنيا سودا سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، تەھلىلدە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا سۆھبىتىگە تېخىمۇ زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت بىر قاتار سودا رەقىبلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش .

يېقىندا فىرانسىيەدە ئېچىلغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشە بىلدۈرۈلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى سېسسىلىيە مالمستروم: دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئېغىر كىرىزىسقا پېتىپ قالدى. بىز بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك دېدى.

ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى دېرىك سىسېس مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۇنيا سودا تەشكىلاتى بېرەلمەيدىغان نەرسىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ترامپ ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم «توپتىن چېكىنىمىز» دەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتىغا بېسىم ئىشلەتكەن. ۋاڭ يۇڭ: ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئىچكى سىياسىي تەرەققىيات لوگىكىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ «توپتىن چېكىنىشى» كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدۇ دەپ قارىدى.

ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەھدىتىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتى «ئامېرىكىغا ئادالەتسىزلىك قىلدى» دەپ تەنقىد قىلىپ، ھە دېسىلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپىغا پىسەنت قىلماي، ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن باشقا سودا شېرىكلىرىنى ئۆز ئالدىغا جازالىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بۇ كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمغا قارىتا، ئامېرىكا «ماس كەلسە ئىشلىتىش بولمىسا ۋاز كېچىش»تەك مەسئۇلىيەتسىز پوزىتسىيەدە بولدى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى غايەت زور خىرىسقا دۇچار قىلدى .ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىسى كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى ياخشىلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يېڭى سودا كەسىپ ھالىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، يەنە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش.