مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى خۇنەن، جياڭشى، گۇيجۇ، گۇاڭشى، فۇجيەن قاتارلىق بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا مەركەزنىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 830 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يەرلىكنىڭ 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن بۇيانقى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرمۇش ياردىمى بېرىش، ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا سېلىش، ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىشكە ئىشلەتتى .
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەبلەغ ئىچىدە خۇنەننىڭ 360 مىليون يۈەن، جياڭشىنىڭ 290 مىليون يۈەن، گۈيجۇنىڭ 100 مىليون يۈەن، گۇاڭشىنىڭ 40 مىليون يۈەن، فۇجيەننىڭ 40 مىليون يۈەن ئىكەن.
يېقىندا جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى جەنۇبتا قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى، ئاساسلىق مەسئۇل كىشى كۆپ قېتىم خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى، نۇرغۇن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئېغىر ئاپەت بولغان ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.