مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىرلىشىپ « يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل ئىنقىلابىي ھەربىي»نى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:10

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە « ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يىپ يېڭى قىياپەت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كۈچىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بۇ يىللىق ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا توققۇز « يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل ئىنقىلابىي ھەربىي» نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى .

يىن لۇ، نىدۇتاشېڭ، جاڭ لېي، ليۇ فېي، لى باۋگو، ۋېڭ چۈنفاڭ، ۋۇ يۇڭ، شياۋ لىچۈەن، لى يۈفېڭدىن ئىبارەت توققۇز ئوفىتسېر-ئەسكەر خەلق ئارمىيەسىىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلغار تىپ.

ئېلان قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا «يېڭى دەۋردىكى ئەڭ گۈزەل ئىنقىلابىي ھەربىي»لەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدىكى قىسقا فىلىم قويۇلدى، ئوخشىمىغان زىيارەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى قىلىش تەسىراتى بايان قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئۇلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.