يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر (ناھىيە)بەرپا قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر (ناھىيە)يەرنى باھالاش ئۆلچىمى» بېسىپ تارقىتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:10

يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر (ناھىيە) بەرپا قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر (ناھىيە)يەرنى باھالاش ئۆلچىمى» نى بېسىپ تارقاتتى .

ئىگىلىنىشىچە، ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر (ناھىيە) بەرپا قىلىش پائالىيىتى 1991-يىلى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر (ناھىيە) لەرگە 10 قېتىم نام بېرىلىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىكلەر ۋە ئارمىيە، خەلقنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش سىياسىي قىزغىنلىقى كۈچلۈك قوزغىتىلغان.

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «باھالاش ئۆلچىمى»نىڭ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇشى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.