جۇڭگو كارخانىلىرى بېنگرا تۆمۈر يولىنى ھۆددىگە ئېلىپ تۇنجى قېتىم ئافرىقىدا ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:10

7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، «ئافرىقىنىڭ پەخرى»ناملىق ھەشەمەتلىك ساياھەت پويىزى ئانگولا لوبىتو ۋوگزالىغا كىردى. بۇ پويىز ھىندى ئوكيانغا يېقىن بولغان تانزانىيەنىڭ پايتەختى دارېسسالامدىن يولغا چىقىپ، زامبىيە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىن ئۆتۈپ، تەخمىنەن 4300 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى ئانگولانىڭ پورت شەھىرى لوبىتوغا يېتىپ بارىدۇ.
بېنگرا تۆمۈر يولى پۈتۈن ئانگولانى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1344 كىلومېتىر، جۇڭگو تۆمۈر يول 20-ئىدارىسى گۇرۇھى شىركىتى پۈتۈن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسىگە جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى قوللانغان. بېنگرا تۆمۈر يولى تۆمۈر يول بويىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، دېڭىز بويىدىكى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى خادىملار، ماددىي ئەشيا ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي ئافرىقا تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا غول لىنىيە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇ تۆمۈر يول يەنە پورت شەھىرى لوبىتونىڭ ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا قاتناش تۈگۈنى ھاسىل قىلىشىدا ئاچقۇچلۇق تىرەك ھېسابلىنىدۇ.