گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-07-31 18:11

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، 70 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇخبىرلارغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي-شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى.

ئۇ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مۇنداق تۆت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنى كونكرېت تونۇشتۇردى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا تارىخىي ياخشىلىنىش بولدى، ئىجتىمائىي ئىشلار تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تارىخىي خاراكتېرلىك ئالغا ئىلگىرىلىدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى 1952-يىلىدىكى 791 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 2018-يىلى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يەتتى، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 200 ھەسسە ئاشتى، يىلىغا %8.3 ئاشتى. ئوتتۇرىچە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1952-يىلىدىكى 166 يۈەندىن كۆپىيىپ 2018-يىلى 49 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 37.7 ھەسسە ئاشتى، يىلىغا %5.7 ئاشتى.

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: شىنجاڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك مىللىي سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. بىرىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسى قىلىندى؛ ئىككىنچى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى؛ ئۈچىنچى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە قانۇن بويىچە قوغدالدى؛ تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يەنە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ساياھەت، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.