بۇ يىل 6-ئاينىڭ 29-كۈنى رەئىس ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانى ئېلان قىلىنىپ، توققۇز تۈرلۈك جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەرگە ئالاھىدە كەچۈرۈم يولغا قويۇلغان، ھەر قايسى جايلاردىكى ئەدلىيە ئورگانلىرى ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانىنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم پەرمانى ھەققىدىكى قارارىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇردى، ھازىر بىر تۈركۈم شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان جازا ئۆتەۋاتقان جىنايەتچىلەر ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىندى.