70 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمى ئەمەلىيەتتە 40 ھەسسە ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،2018-يىلى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمى 14 مىڭ 617 يۈەن بولۇپ، مال باھاسى ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 1949-يىلىدىكىدىن ئەمەلىيەتتە 40 ھەسسە ئاشقان، يىلىغا ئەمەلىيەتتە %5.5 ئاشقان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئاشتى، شەھەر يېزىلارنىڭ كىرىم پەرقى كۆرىنەرلىك تارايدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆز ئىلكىدىكى كىرىمىنىڭ نىسبىتى 2.69 بولۇپ، 1956-يىلىدىكىدىن 0.64 تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن. 2018-يىلى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستىمال چىقىمى 12 مىڭ 124 يۈەن بولۇپ، مال باھاسى ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، 1949-يىلىدىكىدىن ئەمەلىيەتتە 32.7 ھەسسە ئاشقان.