ئافغانىستاننىڭ كىنو ساھەسىدىكىلەر كىنو كەسپىنىڭ گۈللىنىشىنى ئۈمىد قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:42

نۇرغۇن ئافغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىنو ساھەسى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى كۆپ يۈز بېرىدىغان بۇ دۆلەتتە «يوقاپ كەتكەن» كەسىپ ئىدى. بىراق ھازىر ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئافغانىستان كىنو بايرىمى بۇ دۆلەتنىڭ كىنو كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

بۇ قېتىمقى ئافغانىستان كىنو بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى كابۇل داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن 18 يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى كىنو بايرىمى. كىنو بايرىمى 8 كۈن داۋاملىشىدۇ، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ كابۇلدىكى بىر قەدەر بىخەتەر تۆت كىنوخانىدا جەمئىي 100 نادىر فىلىم قويىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ئافغانىستاندا ئىشلەنگەن كىنولار.

بۇ قېتىمقى كىنو بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. چېگرا ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۈنسېرى يامانلاشقانلىقتىن، كىنوخانىلارغا ئوخشاش كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلار ئاسانلا ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئافغانلار ئادەتتە سىرتقا چىقىپ ئانچە كىنو كۆرۈپ كەتمەيدۇ. ھازىر مەملىكەت بويىچە ئاز ساندىكى بىر قانچە كىنوخانا چوڭراق بىر نەچچە شەھەرگە جايلاشقان، كىنوخانىلاردىمۇ ئاساسەن بوللىۋود كىنولىرى قويۇلىدۇ.

ئافغانىستان كىنو ساھەسىدىمۇ ئىلگىرى شانلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا كىنو ئافغانىستانغا كىرگەن. 1946-يىلى ئافغانىستان «مۇھەببەت ۋە دوستلۇق» ناملىق تۇنجى كىنونى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىدى. 20-ئەسىرنىڭ 60 يىللىرىدا ئافغانىستاندا بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كىنو ئىختىساسلىقلىرى بارلىققا كېلىپ، پۈتكۈل ساھەدە گۈللەپ ياشناش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

ھالبۇكى، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئافغانىستان ئۇرۇش ئوتىغا كىرىپ قالدى، كىنو كەسپىمۇ غايەت زور زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇرۇش ئوتىدىن دالدىنىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىنوچىلار ئافغانىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1996-يىلى تالىبان ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، كىنو ساھەسى ئاپەت خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. تالىبان كىنو، مۇزىكا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى، بارلىق كىنوخانىلار تاقالدى، نۇرغۇن كىنو لېنتىلىرى كۆيدۈرىۋېتىلدى. 2001-يىلى تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئافغانىستان كىنوچىلىقى قايتىدىن جانلاندى.

كىنو بايرىمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ، ئافغانىستان كىنوچىلىق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سەھرا كەرىمى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كىنو بايرىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن، كىنو كۆرىدىغانلارنىڭ سانى مۆلچىرىمدىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى، ئاياللار، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن تاماشىبىن كىنوخانىغا كېلىپ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ قويغان كىنولارنى كۆردى. بۇ كىنولارنىڭ كۆپىنچىسىنى تالىبان ھاكىمىيىتى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، بەزى خۇسۇسىي كىنو شىركەتلىرى ئىشلىگەن بولۇپ، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئۇرۇش ۋە داۋالغۇش ۋەزىيىتىدە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

پات ئارىدا ئافغانىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ قېتىمقى كىنو بايرىمىمۇ ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى.

ئافغانىستان كىنوچىلىق شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ قېتىمقى كىنو بايرىمى ئارقىلىق ئافغانىستاندا كىنو مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ كىنوچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.