«ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئامېرىكىنىڭ چېكىدىن ئاشقان بېسىمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:49

ئىستانسىمىز خەۋېرى:

جۇڭگو ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات يۇرتى ئۇيۇشتۇرغان «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئامېرىكىنىڭ چېكىدىن ئاشقان بېسىمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئوخشىمىغان ساھەدىن كەلگەن نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر باش تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى، ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئوبيېكتىپ پاكىتقا قارىماي، جۇڭگونى «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت»دەپ بېكىتكەنلىكى پۈتۈنلەي يامان نىيەتلىك تۆھمەت، بۇنداق زومىگەرلىك پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىك.

جۇڭگو ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش مۇتەخەسىسى چېن دۇڭچى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى ئەخلاقسىزلارچە جۇڭگونى پۇل پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت قىلىپ بېكىتىشىدە ئاساسلىقى يەنىلا سىياسىي غەرەز بار، بۇ سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈم.

جۇڭگو ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات يۇرتى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو چۈنلى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇشى بازار كۆزلىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئىنكاس، جۇڭگونىڭ بازارنى ھۆرمەت قىلىپ، ئارىلىشىشنى ئازايتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يىمىڭ خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ياخشى بولۇش يۈزلىنىشى سۆھبەتتىكى ئىشەنچتۇر، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ يېتەرلىك، ئەۋرىشىملىكىنىڭ كۈچلۈك، جانلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ چوڭ بولۇشى، جۇڭگونى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى ساقلاش ئىشەنچىسى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. ئامېرىكا داۋاملىق كېڭىشىشنى خالىسىلا، جۇڭگو سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ئامېرىكا داۋاملىق بېسىم ئىشلەتسە بىزمۇ پىرىنسىپ ۋە ئىززەت-ھۆرمەت جەھەتتە يول قويمايمىز.