دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى: تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:43

ئىستانسىمىز خەۋېرى:
دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈنۈگۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جۇڭگونى پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلدى دەپ بېكىتكەنلىكى پاكىتقا پۈتۈنلەي زىت، بۇ تامامەن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئىقتىسادچىسى ۋاڭ چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى ئامېرىكا ئۆزى تۈزگەن «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت»نى مىقدارلاشتۇرۇش ئۆلچىمىگە خىلاپ، ئامېرىكا بۇ قېتىم قوللانغان 1988-يىللىق قانۇن لايىھەسىدە كونكرېت ئۆلچەم يوق، ئامېرىكا تېخىمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى.
ۋاڭ چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تۈرلۈك تاشقى زەربىلەرنىڭ سىنىقىغا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئېلىمىز تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، كارخانا ۋە شەخسلەر قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ نورمال تاشقى پېرېۋوت ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.