« پېرېۋوت نىسبىتىنى زورلۇق بىلەن ئىگىز كۆتۈرىۋېلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە زومىگەرلىك قىلىش كىشى قەلبىنى مايىل قىلالمايدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزور
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:43

 

« پېرېۋوت نىسبىتىنى زورلۇق بىلەن ئىگىز كۆتۈرىۋېلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە زومىگەرلىك قىلىش كىشى قەلبىنى مايىل قىلالمايدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا جۇڭگونى «پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلغۇچى دۆلەت» دەپ بېكىتىشى، جۇڭگونىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان قەتئىي مەيدانى ئالدىدا ئامېرىكىدىكى قىسمەن كىشىلەرنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى مەسىلىسىدىن جىددىي پايدىلىنىپ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە زومىگەرلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇش غەرىزىنى كۆرسىتىپ بەردى.
پېرېۋوت نىسبىتى ئارقىلىق رىقابەتچىسىگگ بېسىم ئىشلىتىش ئامېرىكىنىڭ ئادەتلەنگەن ۋاسىتىسى. يېقىندا، خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىدە بازاردىكى تەمىنات-تەلەپ ۋە كۆزلىمىنىڭ ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ بەلگىلىك داۋالغۇش بولدى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر پۇرسەت كەلدى دەپ قاراپ، ئىقتىسادىي ساۋات ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاپپاراتلارنىڭ باھاسىنى «ئۆز مەنپەئەتىگە قاراپ تاللاپ»، «بىمەنە ئويۇن» ئويناپ، جۇڭگوغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېسىم ئىشلەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېھتىياجىغا ماسلاشتى.
ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: بىر مەسئۇلىيەتچان ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو رىقابەت خاراكتېرىدە كۇرىسىنى چۈشۈرمەسلىك، شۇنداقلا پېرېۋوت نىسبىتىنى قورال قىلىپ سودا ماجراسىغا تاقابىل تۇرماسلىق قاتارلىق سىرتتىن ئارىلاشماسلىق توغرىسىدا كۆپ قېتىم ۋەدە بەردى. خەلق پۇلى كۇرىسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئارقىلىق جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىش غەرىزى كىشى قەلبىنى مايىل قىلالمايدۇ، بۇ جەزمەن مەغلۇب بولىدۇ.