ئامېرىكا ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكىنى توڭلاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:43

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭىنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مۈلكى ۋە ھاسىلاتىنى توڭلىتىش ھەققىدە مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىدى. ئاق ساراي ئېلان قىلغان مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن، ۋېنسۇئېلانىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، چىقىم قىلىشقا، ئېلىشقا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدىكەن.

مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالانغان كۈندىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولدى، جازاغا چېتىشلىق مۈلۈك ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكى ۋە ھاسىلاتىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا پەيدا بولىدىغان مۈلكى ۋە ھاسىلاتىنى ھەمدە ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ئامېرىكا پۇقراسى نامىدا پەيدا بولغان ياكى بولىدىغان مۈلكى ۋە ھاسىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ مۈلكىنى توڭلىتىش ئىمبارگو دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، بىراق بۇ ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-ئايدا خۇئان گىۋايدونى ۋېنسۇئېلانىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى دەپ ئېىتراپ قىلغاندىن بۇيانقى تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان تەدبىر.

تاراتقۇ مۇخبىرى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ترامپتىن ۋېنسۇئېلانى قامال قىلىش ياكى يىتىم قالدۇرۇشنى ئويلاشقان-ئويلاشمىغانلىقىنى سورىغاندا، ترامپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ جاۋاب بەرگەن، ئەمما قايسى ۋاقىتتا قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپنىڭ يېڭى مەمۇرىي بۇيرۇقىدا ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە شەخسلىرىنىڭ ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادورو رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشى چەكلىنىپلا قالماي، يەنە مادورو ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بار چەتئەل كارخانىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇپ جازالاش خەتىرىگە دۇچار قىلىندى.
ئامېرىكىنىڭ مېئامىغا جايلاشقان كاراكاس كاپىتال بازىرى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى داللۇن مۇنداق دېدى: ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى مادورو ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. باشقا دۆلەت كارخانىلىرى مادورو ھۆكۈمىتى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلسا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكى ئوخشاشلا توڭلىتىلىشى مۇمكىن.

ئاق ساراي ئەمەلدارى چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرايدىغان ياكى ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى.

مادورو 2018-يىلى 5-ئايدا سايلامدا ئۇدا غەلىبە قىلغان، بۇ يىل 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، بىراق ئۆكتىچىلەر ئۇنى ئېتىراپ قىلمىغان. ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھىم ئەزاسى، مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى گىۋايدو 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆزىنى «ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ» دەپ جاكارلىغان. مادورونى تەختتىن چۈشۈشكە قىستاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش، دىپلوماتىيە جەھەتتە يىتىم قالدۇرۇش ۋە ھەربىي تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلار بىلەن بېسىم ئىشلەتتى. ئامېرىكا ھازىرغىچە مادورو ھەمدە ھۆكۈمەت بىلەن بىلەن ئالاقىسى بار ۋېنسۇئېلالىق 100 دىن ئارتۇق كىشىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ۋېنسۇئېلا دائىرلىرى ئامېرىكىنىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى جازانى كۈچەيتكەنلىكىگە ۋاقتىنچە ئىنكاس قايتۇرمىدى. مادورو ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ۋېنسۇئېلانى قامال قىلىمىز دەپ تەھدىت سالدى، دەپ ئەيىبلىگەن، ھەمدە ۋېنسۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنى بۇ ئەھۋالنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئۇقتۇرۇشقا بۇيرىغان.