تەپسىلىي خەۋەر: «شىنجاڭ ياخشى جاي»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:43

قەدىمىي يىپەك يولىغا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ سىرلىق غەربىي يۇرتقا بولغان چەكسىز تەسەۋۇرى ئۇلاشقان. بۈگۈنكى كۈندە، ھەر تەرەپكە تۇتاشقان زامانىۋىي ئۇنىۋېرسال قاتناش تورى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى تۇتاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭغا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بېغىشلىماقتا.

بۇ ئىككى كۈندە، سانجى شەھىرى ئەرگۇڭ بازىرى بەخت كەنتىدە كەنت ئاھالىسى ما مىڭگۇي 200 مودىن ئارتۇق يەردىكى پەمىدۇرنى ماشىنىلىق ئۈزىۋاتاتتى. ما مىڭگۇي مول ھوسۇل ئالالايدىغانلىقىنى بىلىپ خۇشال ھالدا: بۇ يىل كوپراتىپىمىز زاۋۇت بىلەن پەمىدۇر سېتىشقا توختاملاشقان، شۇڭا بىز سېتىشتىن غەم قىلمايمىز. كىرىمىمىز ناھايىتى ياخشى. بىر يىلدا ئىككى-ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز، دېدى.

ما مىڭگۇي ئېيتقان توختام زاكىسى ئۇ تۇرىۋاتقان سانجى شەھىرى يۈشۈەنجىن كۆممە قوناق تېرىقچىلىق كوپراتىپى بۇ يىل جۇڭلياڭ گۇرۇھى تۇنخې سانجى پەمىدۇر بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئىمزالىغان 1770 مو يەرگە پەمىدۇر تېرىش توختامىنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا بىلەن كوپراتىپ زاكاز توختامى ئىمزالىدى ھەمدە دېھقانلارنى پەمىدۇر مايسىسى بىلەن تەمىنلىدى، پەرۋىش قىلىش تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلدى. پەمىدۇر سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئېتىزدىن بىۋاسىتە پەمىدۇر پىششىقلاش زاۋۇتىغا يەتكۈزپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش رايونى، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ پەمىدۇر قىيامى لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي لىنىيەسى ئارقىلىق رۇسىيەگە يەتكۈزىلىدۇ. پەمىدۇر قىيامى شىنجاڭ ئېكىسپورت ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت يارىتىدىغان بىرىنچى چوڭ مەھسۇلات.

پەمىدۇر قىيامى توشۇلىدىغان لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2423 كىلومېتىر، شىنجاڭ بۆلىكى قۇم-باياۋانلاردىن، تاغ-ئېدىرلىقلاردىن، پاتقاقلىق-قاقاسلىقلاردىن، 30 چاقىرىملىق شامال ئېغىزىدىن ئۆتىدۇ. 1962-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇلۇپ، شىنجاڭدا تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلگەن. 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول دەۋرىگە رەسمىي كىردى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى بىرلەشمە ترانسىپورت مەركىزىدە يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان رۇسىيەگە قاتنايدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىكى يۈك ساندۇقىغا پەمىدۇر قىيامى قاچىلىنىۋاتاتتى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت بىرلەشمە ترانسىپورت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى جېڭ ۋېي: شىنجاڭ داۋاملىق كۆپەيتىلىۋاتقان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىگە تايىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى مۇھىم يۈك توپلاش-تارقىتىش مەركىزىگە ئايلاندى، دېدى.

ئۈرۈمچى توپلاش-تارقىتىش مەركىزىدىن يولغا چىقىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربكە ئۇدا 500 كىلومېتىر ماڭىدۇ، جۇڭگو-ياۋروپا، جۇڭگو-ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىدىكى يۈك ئۆتكۈزىلىدىغان ئەڭ چوڭ چېگرا ئېغىزى ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى، 2011-يىلىدىن ھازىرغىچە، %70 كە يېقىن جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئۆتىدۇ. ئالاتاۋ ئېغىزى تامۇژنىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چۈەنجيې مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئالاتاۋ ئېغىزىغا مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان يۈك مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشتى. 1991-يىلى 7-ئايدا ئېچىلغاندا شۇ يىللىق يۈك ترانسىپورت مىقدارى 158 مىڭ 600 توننا، سودا سوممىسى 32 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 2018-يىلى يۈك ترانسىپورت مىقدارى 18 مىليون 30 مىڭ توننىغا، سودا سوممىسى 11 مىليارد 861 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى شىنجاڭنى ئىلگىرىكى ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ «يانچۇق ئاستى»دىن غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقا ئىستېھكامغا ئايلاندۇردى.