باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرگەندە كۆڭلىگە پۈككەن ئىشلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:43

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «خەلق جۇمھۇرىتىمىزنىڭ پۇختا ئاساسى، خەلق بىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىمىزدىكى ئەڭ زور غەيرەت» دەپ مىڭلىغان مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرگە ئىھتىرام بىلدۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسى، چوڭقۇر ھەم ئاددىي-ساددا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھىسسىياتىنى نامايەن قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرگەندە كۆپ قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زىيارەت قىلىپ، سەمىمىي تاپشۇرۇق ۋە قويۇق غەمخورلۇق بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا بولغان چوڭقۇر ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھىرتان سوغۇققا قارىماستىن خېبېينىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى، تيەنجىن، بېيجىڭغا بېرىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن خېبينىڭ ماسلاشما تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېينىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان كۆرگەزمە مەركىزىدە چوڭ ئىكران ئارقىلىق بيېجىڭ شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈر-يولىنىڭ شيۇڭئەن بېكىتى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئىھتىرام بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. سىلەر بۇ مىڭ يىللىق پىلان ئۈچۈن ئاۋانگارتلىق بىلەن يول ئېچىش خىزمىتىنى قىلىۋاتىسىلەر، سىلەرنىڭ تۆھپەڭلەر ئۆچمەيدۇ. سىلەرگە نىسبەتەن بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش. سىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، بىزنىڭ بۇ تۆمۈر-يول قۇرۇلۇشى ۋەزىپىمىزنى سۈپەتكە، مىقدارغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆز مۈددىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىن خېپىڭ رايونى شىڭشىڭ كوچىسى چاۋياڭلى مەھەللىسىدە سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش پونكىتىغا كىرىپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەربىيلىك ھەقىقەتەن ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان كەسىپ، ئۇلارنىڭ بەزى كونكىرت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ بەرسەك، بۇندىن كېيىن دۆلەت مۇداپئە قۇرۇلۇشىمىز، ھەربىي سەپكە قاتناشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئەندىشە قالمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر يىلى چاغان ھارپىسىدا، يەرلىككە بېرىپ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلاپ ھال سوراپ، ئۇلارغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بېيجىڭنى تاللاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت-خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ 1- قەۋەتتىكى زالىدا، جامائەت-خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى يولداشلارغا چاغانلىق تىلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پايتەختنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

شۇ كۈنى دېھقانلار كالىندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭنىڭ خۇتۇڭلىرىغا كىرىپ، تېز يوللانما خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى.
شى جىنپىڭ چاغىنىڭلارنى تەبرىكلەيمەن، دېدى.
تېز يوللانما خىزمەتچىسى باش شۇجىغا رەھمەت دېدى
شى جىنپىڭ خىزمىتىڭلار ئالدىراشمۇ؟ دەپ سورىدى.
تېز يوللانما خىزمەتچىسى ھەر ھالدا بولىدۇ، دېدى.
شى جىنپىڭ چاغاندا ئۆيگە قايتمامسىلەر؟ دەپ سورىدى.
تېز يوللانما خىزمەتچىسى ھارپا كۈنى قايتىمىز، دېدى.
شى جىنپىڭ ھارپا كۈنى قايتامسىلەر؟ سىلەرنى مەخسۇس يوقلاپ كەلدىم. سىلەرنى يوقلاش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېز يوللانما خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە، بىزنىڭ ئەڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقان خىزمەتچىلىرىمىزگە چاغانلىق تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن، چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، دېدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 4-ئايدا چۇڭچىڭنى تەكشۈرگەندە ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ، پويىز، ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، 3 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت يول مېڭىپ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى شىجۇ ناھىيەسى جۇڭيى يېزىسى خۇاشى كەنتىگە يېتىپ باردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ھەم ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇپ ھەم ياخشى ۋاقىتلىق ئاتا-ئانا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەش، ياخشى باشقۇرۇشنى تاپىلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن بىر تۈركۈم يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، دۆلىتىمىز، يۇرتىمىز ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ قېيىنچىلىقى بار ئاممىنى باشتىن-ئاخىرى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، نەم ۋە تېيىلغاق پەلەمپەيلەردىن مېڭىپ، نامرات ئائىلە تەن دېڭجۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۆينىڭ ئىچى-سىرتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ياشانغان بۇ ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى.
شى جىنپىڭ: ئاشلىقلار ئاز ئەمەسكەن، بۇ جەھەتتە قېيىنچىلىق يوقتەك قىلىدۇ. پۈتۈن كەنتتىمۇ قېيىنچىلىق يوقتۇ؟ دەپ سورىدى.
كەنت ئاھالىسى: كەنت بويىچە بۇ جەھەتتە قېيىنچىلىق يوق، دېدى.
شى جىنپىڭ: تويۇنۇش، كىيىنىش مەسىلىسى ھەل بولدىمۇ؟ دەپ سورىدى
كەنت ئاھالىسى: ھەل بولدى، دەپ جاۋاپ بەردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل5-ئايدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش ئۈچۈن يىغىلغان جاي يۇدۇ ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىدا يۇدۇ ناھىيەسىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەردىن جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پىشقەدەم قىزىل ئارمىيە، پىشقەدەم يولداشلار ھەمدە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى، ئىنقىلابى قۇربانلارنى، يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. مەن سىلەرنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭلارنى، تۇرمۇشىڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن ئىچكى موڭغۇلنى تەكشۈردى. ئۇ تومۇز ئىسسىققا قارىماستىن، ئەگرى-بۈگرى يوللاردىن ئۆتۈپ ئۇلانخات شەھىرى قاراچىن خوشۇنى مائەنشەن ئورمانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.
شى جىنپىڭ: ھازىر كىرىمىڭلار قانداقراق؟ دەپ سورىدى.
ئورمان مۇھاپىزەتچىسى: مەن ھەر ئايدا 6300 يۇەن ئالىمەن، دېدى.
شى جىنپىڭ: داۋالىنىش جەھەتتىچۇ؟ دەپ سورىدى.
ئورمان مۇھاپىزەتچىسى: كۈتىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈرلۈك سۇغۇرتىلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشتۇق. ھازىر يەنە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى ۋە كەسپىي يىللىق پۇلدىن بەھرىمان بولىۋاتىمىز. كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى، بىز ئىنتايىن بەختلىك! دېدى.
شى جىنپىڭ: ئورمان مۇھاپىزەتچىلىك خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم، بىزنىڭ دەرەخ تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشىمىز ئاسان ئەمەس، شىمالىي ئىكىلوگىيە توسىقىنى قۇرۇش، پايتەختنىڭ ئەتراپىدا ئىكىلوگىيە توسىقىنى قۇرۇشمۇ ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە، ھەمدە بىزنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمىتىمىز، دېدى.
ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرگەندە كۆپ قېتىم ياشلار ئارىسىغا بېرىپ، ياشلار بىلەن مۇڭدىشىپ، ياشلارنى ئىلھاملاندۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ تيەنجىن خېبيېنى تەكشۈرگەندە نەنكەي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۈمىد كۈتۈپ: ئۆگىنىشنىڭ كونكىرت نىشانىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنى چوڭ ئىشلارغا بېغىشلىشىمىز كېرەك دېدى. ئىچكى موڭغۇل داشۆسىدە ساۋاقداشلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئەستايدىللىق بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ياشلارنىڭ ساغلام، ئەقىللىق بولۇشىنى، كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىپ، ئىجابىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسەم ئىنتايىن خۇشال بولىمەن. سىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. داۋاملىق تىرىشىڭلار!