كامېرون زۇڭلىسى «جۇڭگو قەرز قىلتقى سەپسەتىسى»گە رەدىيە بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:44

كامېرون زۇڭلىسى نىگۇت 8-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو-كامېرون ھەمكارلىق تۈرى نەق مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭگو قەرز قىلتقى سەپسەتىسى»گە رەدىيە بەردى.

نىگۇت جۇڭگو ماشىناسازلىق سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان پايتەخىت يائۇندىدىكى ساناجا ئىچىملىك سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى تۈرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغاندا مەزكۇر تۈرنى بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مۇھىم تۈرنىڭ بىرى دېدى.

جۇڭگو-كامېرون ھەمكارلىقىدا «جۇڭگو قەرز قىلتقى»نىڭ بار يوقلىقى ھەققىدە سوئال سورالغاندا،نىگۇت مۇنداق دېدى: ئۆز ئالدىغا چىقىرىلغان بۇنداق گەپ-سۆزلەرگە پىسەنت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،كامېرون دۆلەت تەرەققىياتىنى بىرىنجى ۋەزىپە قىلىدۇ،بىز ئۆزىمىزنىڭ نېمە ئىش قىلۋاتقانلىقىمىزنى بېلىمىز.