جۇڭگو ۋەكىلى: سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئىختىلاپنى تۈگىتىپ ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى تېپىشى كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:44

جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ 8-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىيەدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ، سۆھبەتتە ئىختىلاپلارنى پەسەيتىپ ، دۆلەتنىڭ يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، سۇرىيەنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلگۈن مەسىللىرىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن سىياسىي ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقىشى كېرەك .

ۋۇ خەيتاۋ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەدە قاماپ قويۇلغانلار ۋە يوقاپ كەتكەنلەر مەسىلىسىنى ئاشكارىلاش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ياراشتۇرۇش يولى بولۇش رولىنى ئورتاق قوللىشى كېرەك،

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ئەلچىسى پېي كەيرۇنىڭ « سۇرىيەلىكلەر ئىگىدارلىق قىلىش ، سۇرىيەلىكلەر يېتەكچىلىك قىلىش » پىرىنسىپى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 - نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللىشى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يارىشىپ قېلىشقا پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك .