جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچى زور
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-08 16:44

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسى مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىتتا يەنىلا %3.9 ئاشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇقىملىق ئاساسىدا «سۈپىتى ئاشتى»، ئېلىمىزنىڭ 1- چوڭ مال سودىسى چوڭ دۆلىتى بولۇش ئورنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى مۇساپىسى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى.

ئېكىسپورت بېجىنى قايتۇرۇش مۇساپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشىدىكى پايدىلىق تەدبىرلەرنىڭ بىرى. شەندۇڭ ئېكىسپورت بېجىنى قايتۇرۇشنى بېجىرىش ئوتتۇرىچە ۋاقتىنى 10 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىش، 1- تۈردىكى ئېكىسپورت كارخانىلىرى ۋە يېڭى كونا قۇۋۋەت ئالماشقان كارخانىلارنىڭكىنى جەزمەن ئىككى خىزمەت كۈنىدە تاماملاش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن شەندۇڭ جىنچېڭكېرۈي خىمىيە چەكلىك شىركىتى ئېكىسپورت بېجىنى قايتۇرۇشقا تايىنىپ مەبلەغ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. شىركەتنىڭ مالىيە دېرىكتورى شى جىڭۋېن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئىستاتىستىكىمىزغا ئاساسلانغاندا، ھازىر كارخانىمىزنىڭ ھەر يىلقى ئېكىسپورتتىن قايتۇرۇلغان بېجى بىلەن توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىش سوممىسىنىڭ يىغىندىسى شۇ يىلقى ساپ پايدىنىڭ تەخمىنەن %50 كە يېتىدۇ. ھەقىقىي نەپ ۋە قوللاشقا ئېرىشكەنلىمىزنىڭ ھەقىقىي ھىس قىلدۇق.

كارخانىلارنىڭ كېيىنكى ئەندىشىسى تۈگىگەندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى تېزدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 1-پەسىلدە ئېكىسپورت ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.6 ئاشتى، سېتىلىش مىقدارىنىڭ يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 تىن ئېشىپ، ئىككىلەمچى بازارنىڭ 20 مىليارد يۇەنلىك مەھسۇلات قىممىتىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.

دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئېلان قىلغان 2018-يىللىق سودا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ مال سودىسى ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 46 مىڭ 230 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 30 تىرىليون 510 مىليارد يۇەنگە يېتىپ، ئۇدا ئىككى يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئېلىمىز ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا بويىچە 1- چوڭ ئېكىسپورت دۆلىتى ۋە 2- چوڭ ئىمپورت دۆلىتى بولدى. تاشقى سودىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ سودا مىنستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى خەلقئارا بازار تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي مىڭ مۇنداق دېدى: تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتى ئىقتىسادىمىزدا ئېچىۋېتىشنىڭ بارغانسېرى كېڭەيگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئىشىكنى ئېتىۋېلىپ ئۆزى مۇزىكا چېلىپ ئۆزى ناخشا ئېيتىش بولماستىن، بەلكى خەلقئارا بازاردىن پايدىلىنىپ بىزگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزگە تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەقسىملەش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىش، بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئېكىسپورت كەسىپ قۇرۇلمىمىزنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئىمپورت ئىقتىسادتىكى بىر قانچە مۇھىم ئامىل كەمتۈكلىكىنى تولۇقلاپ، تەرەققىياتىمىزنى يېڭى بىر سەۋىيەگە يۈكسەلدۈردى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 14 تىرىليون 670 مىليارد يۇەنگە يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشتى. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ سانى داۋاملىق ئاشتى، ئىمپورت ئېكىسپورتتا ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشكەن كارخانا 421 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى. كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكىسپورت بازىرىنى ئېچىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، پۇقراۋى كارخانىلار تۇنجى قېتىم ئېلىمىزنىڭ ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا يېرىم نىسبەتنى ئىگىلىدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق گۈللەنمە بازارلار ئايرىم-ئايرىم %19.3، %13.4 ۋە %9.9 ئېشىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرگە بولغان ئېكىسپورت %9.5 ئېشىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقى ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل 4-ئايدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىدا ئېيتقاندەك: «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى بوشلۇق يارىتىپ، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا يېڭى سۇپا ھازىرلاپ، دۇنيادا ئىقتىسادنى تەرتىپكە سېلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇپ،ئورتاق پۇرسەت يولى، گۈللىنىش يولىغا ئايلاندى.