قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئاخبارات ئىدارىسى8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى:دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئالاھىدە قىسىمى شۇ كۈنى سابىق زۇڭتۇڭ ئاتامبايېۋنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قوللاندى .
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى:دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ئالاھىدە قىسمى شۇ كۈنى پايتەخت بېشكەك شەھىرى ئەتراپىدىكى كۆي - تاش كەنتىدىكى ئاتامبايېۋ تۇرالغۇسىغا بېرىپ ، ئاتابايېۋنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى قوللاندى. نۆۋەتتە ھەرىكەت يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان ۋىدېئودىن كۆرسىتىلىشىچە ، ئاتامبايېۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئالاھىدە قىسىم بىلەن توقۇنۇشقان. قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز دېگەندە 10 ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىدە يارىلانغان، ئالاھىدە قىسمنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.