شاڭخەي مۇھىم نۇقتىنى مەسىلىگە قارىتىپ، تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شاڭخەي شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈنۈمىنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئۆلچەشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىگە توغرا قاراش ئاڭلىقلىقى ۋە پىچاق بىسىنى ئىچىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن، تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق ئەل رايىنى ئۇتتى.

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم رەھبەرلىرى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، لۇڭخۇا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا باشلامچىلىق بىلەن كوللېكتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن جاي، بۇ جاينى پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بارلىققا كەلگەن جاي دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىدە بىز بىرىنچى قۇرۇلتاي ئېچىلغان جاينى ئۆزئىچىگە ئالغان شاڭخەيدىكى قىزىل بايلىقتىن ئوبدان پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى تارىخنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ ئەسلىي مەقسەتنى قايىتىدىن ياد ئېتىپ، يېڭى دەۋىرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەسلىي مەقسەتنى تەكشۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگۇچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەتئىي بوشاشماي مىڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا يېتەكلىدۇق.

شاڭخەي شەھىرى باش تېما تەربىيەسىدە ئامما ئەڭ ئالدىرىغان، ئەڭ غەم قىلغان، ئەڭ تەلپۈنگەن خەلق تۇرمۇشى قىيىن مەسىلىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرى غەم قىلغان، تىت-تىت بولغان ئىشلارنى ھېس قىلىپ، مەسىلىنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلدى. شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ كۆپ قېتىم گۇرۇپپىنى باشلاپ، كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى.

كونا شەھەر رايونىنى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، شاڭخەي شەھىرىنىڭ قىياپىتىدە ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىش بولدى، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شەھەردە ئۆيلىرى كونا، ئەسلىھەسى ناچار «ئىككىنچى دەرىجىلىك» كونا كوچىلاردىن تۆۋەن 2 مىليون 630 مىڭ كۋادرات مېتىر كونا ئۆي بار بولۇپ، بۇ ھەل قىلىش ناھايىتى قىيىن مەسىلە ئىدى. شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇ رايونلۇق قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ فۇخەي مۇنداق دېدى: ئەسلىدە كونا رايوننى ئۆزگەرتىشنى چېقىش دەپ ئويلايتتۇق، ھېچقانداق ئۇقۇم يوق ئىدى. ھازىر كونا رايوننى ئۆزگەرتىشتە بەزى توسالغۇلارغا ئۇچرىدۇق، بۇ كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە بىر سىناق بولدى.

قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەش، دەرھال تەكشۈرۈش، دەرھال ئۆزگەرتىش كېرەك، بۇ يىل شاڭخەي شەھىرى «ئىككىنچى دەرىجىلىك» كونا كوچىلاردىن تۆۋەن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئۆينى ئۆزگەرتىپ، 25 مىڭ ئاھالىنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈشنى پىلانلىدى. خۇاڭپۇ رايونى پۈتۈن يىللىق كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى يېرىم يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا تاماملاپ بولدى، شەھەر بويىچە ۋەزىپىنىڭ %90 ى تاماملاندى. شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ مۇنداق دېدى: مەيلى ئۆگىنىش تەربىيەسى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولسۇن، ۋەياكى مەسىلىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسۇن، قۇرۇق ئالدىنى ئېلىش، ساختىلىق قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردۇق. بىز باش تېما تەربىيەسىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەينى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق.

نۆۋەتتە شاڭخەي شەھىرى «بىر سۇپىدا ئىش بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى تۇتقا قىلىپ، يۇقۇرى ئۆلچەم، يۇقۇرى سەۋىيەنى كۆزلەپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىۋاتىدۇ. بىراق مۇلازىمەتنى ھېس قىلىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش، ھەممىنى قاپلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. شاڭخەي شەھەرلىك بۈيۈك مەلۇمات مەركىزى ئەمەلىي ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بېي يۈيۈن مۇنداق دېدى: مېنىڭچە يەنە پەرق بار، بىز ۋاقىت، ئىش ھالقىسى، ماتېرىيال، قاتراش قېتىم سانىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، كارخانىلارنى توردا ئىش بېجىرگەندە توردا مال سېتىۋالغانغا ئوخشاش قولايلىققا ئىگە قىلىمىز.

ھازىرغىچە، شاڭخەي شەھىرىدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىۋاتقان ھەر قايسى ئورۇنلار مەسىلىنى تۈزىتىش تىزىملىكىدىن 2162 تۈرنى رەتلەپ چىقتى، 1306 تۈر دەرھال ئۆزگەرتىلدى، ھەمدە تۈزىتىش ۋاقتى بېكىتىلىپ، تۈر بويىچە تۈزىتىلمەكتە.