خەن جېڭ 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 8- ئاينىڭ 29-كۈنى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە ئاساسلىق سانلىق مەلۇمات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. خەن جېڭ مۇنداق دېدى : پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلار زىچ ھەمكارلىشىپ،ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا پائال ماسلىشىپ، 4 -قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى ئۈچۈن بىر قېتىملىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى قىلدى، بۇ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقىدا، چوقۇم ھەر خىل تەسىرلەرنى تۈگىتىپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقى جەھەتتە ناھايىتى زور بىر قەدەم تاشلاندى، جەمئىيەتكە ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، توغرا، نوپۇزلۇق، سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاشكارا، ئېنىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىش، تەكشۈرۈش، ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش لازىم. ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنىڭ قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىپ، 14-بەش يىللىق پىلاننى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشنى ئاساس سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەش لازىم. بۇ قېتىمقى ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ چىنلىقىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىشنى ئاچقۇچ، ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىم.

ئىگىلىنىشىچە، 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بولۇپ، ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئېلىمىز چېگراسى ئىچىدە 2-،3-كەسىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار، كەسىپ پائالىيىتى ئورۇنلىرى ۋە يەككە تىجارەتچىلەر ئىكەن، ھازىر سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش تەكشۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ باھالاش خىزمىتى تاماملانغان. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلىرى مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىنىدىكەن.