شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرىت بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 29 -كۈنى كەچتە دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ دۇتارنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكى، ھەمدە 2019-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : سىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق ئۆزگىرىپ، مۇستەھكەملىنىپ، يۈكسىلىپ، ئۈزلۈكسىز پۇختا نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر،مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، لېكىن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش يەنىلا توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەۋر ئېقىمى. مەن سىز بىلەن بىللە، ۋاقىتنى داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن ياخشى ئىگىلەپ، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن، بۇ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: « بىر بەلباغ، بىر يول » تەشەببۇسىنى فىلىپپىننىڭ « چوڭ قۇرۇلۇش، ئالاھىدە قۇرۇلۇش » يىرىك پىلانى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانائەت رايونى، تېلېگراف، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭگو فىلىپپىننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى، مۇتەخەسسىسلەرنى فىلىپپىنغا بېلىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتىشنى خالايدۇ. كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە، جۇڭگو فىلىپپىننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئىزچىل ئۈنۈملۈك ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىنى تۈگىتىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەمكارلىشىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشكە قارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلسىلا، جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، ئاساسى مۇقىملىشىدۇ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىمۇ مۇھىم كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ دېڭىزدا نېفىت، تەبىئىي گازنى ئورتاق ئېچىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىيالايدۇ. « جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى » جەنۇبىي دېڭىزدا قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىشنىڭ ئىجادىيىتى، ئىككى تەرەپ بالدۇرراق « مىزان » ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق قوغداشتىكى مۇستەھكەم مەيدانى ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

دۇتېرت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلغان تەجرىبىلىرىنى فىلىپپىننىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن. جۇڭگو فىلىپپىن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، فىلىپپىن-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يۈز يىللىق ئۇلۇغ پىلان. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، كۈچلۈك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمەن. فىلىپپىن جۇڭگونىڭ فىلىپپىننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ فىلىپپىننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەر مەنئى قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو فىلىپپىننىڭ سەمىمىي دوستى. شياڭگاڭ مەسىلىسىدە، فىلىپپىن جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ.

دۇتېرت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشىنى قارشىلاشماستىن بەلكى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش، رايون دوستلۇق ھەمكارلىقى، تىنچلىق، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىمەن، بۇ مەزكۇر رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. فىلىپپىن جۇڭگو بىلەن دېڭىز نېفىت-تەبىئىي گازىنى ئورتاق ئېچىشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ. فىلىپپىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ « جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى » نى بالدۇرراق ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا گۇۋاھ بولدى. ئىككى تەرەپ يەنە نېفىت-تەبىئىي گازى ھەمكارلىقى ھۆكۈمەتلەر ئارا بىرلەشمە يېتەكچىلىك كومىتېتى ۋە كارخانىلار ئارا خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئورتاق ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ياڭ جېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.