ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان تالىبانىنىڭ 9- قېتىملىق سۆھبىتى يېقىندا قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈپ، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ يەنىلا مۇقىمسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:06

ئامېرىكا بىلەن تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى 9-نۆۋەتلىك سۆھبىتى8-ئاينىڭ 22- كۈنىدىن باشلاپ قاتارنىڭ دوھادا ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى تەرەپ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ،ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى. لېكىن نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە،ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، خەلقئارا جەمئىيەت يەنىلا ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ بىر يىلغا سوزۇلغان سۆھبىتىدە، مۇھىم بولغان 9-نۆۋەتلىك سۆھبىتى 8-ئاينىڭ 26 -كۈنى ئاخىرلاشتى. « ئامېرىكا ئاۋازى » نىڭ 8-ئاينىڭ 25 -كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىبان بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا يېقىنلاشتى دېگەن. تالىباننىڭ باياناتچىسى مۇجاھىد زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : « ئىككى تەرەپ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىنچىكە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى تەخمىنەن 14 مىڭغا يەتتى. كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ 5000 ئەسكىرى بۇ يىل ئىچىدە چېكىنىدۇ، قالغان 9000 ئەسكىرى كېلەر يىلى ئايرىلىشى كېرەك. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىپ چىقىش شەرتى سۈپىتىدە تالىبان ئۇرۇش توختىتىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشى كېرەك ؛ يەنە بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ، ئافغانىستاننىڭ تېررورىزمنىڭ پاناھلىنىدىغان جايى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك ؛ بۇنىڭدىن باشقا، « ئىسلام دۆلىتى » گە زەربە بېرىشمۇ تالىباننىڭ ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

تالىبان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالامدۇ-يوق ؟. بۇ يەنىلا گۇمانلىق. ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى تەس ئەمەس، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى كېلىشىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا باغلىق. لەنجۇ داشۆسى ئافغانىستان تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جۇ يۇڭبياۋ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : بىر تەرەپتىن، تالىبان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا ئۆزىگە پايدىلىق چۈشەنچە بېرىشى مۇمكىن، كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ئارزۇسى بولۇشى ناتايىن.يەنە بىر تەرەپتىن، تالىباننىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بار-يوقلۇقىمۇ نامەلۇم. لېكىن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش بولۇپ قالدى، ئافغانىستاننىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ فۇكىس خەۋەرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنگەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندا كۈچلۈك ئاخبارات كۈچىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق بولغاندا، ئەسكەر چېكىندۈرۈش جەريانىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىشى، رايون خەۋپسىزلىكى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەتتا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىمۇ رايون خەۋپسىزلىكىگە خىرىس ئېلىپ كەلدى. جۇ يۇڭبياۋ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : « ئەگەر ئامېرىكا كېلىشىم لايىھەسىگە ئاساسەن ئىككى يىل ئىچىدە تەل توكۇس ئەسكەر چېكىندۈرسە، ئافغانىستاندا بايلىق بوشلۇقى پەيدا بولىدۇ. تاشقى ياردەمنىڭ تېزدىن ئازىيىشى ئافغانىستاننىڭ ئىچكى مۇقىملىقىنى تەۋرىتىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىك كۈچىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. تالىبان ئەگەر ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا، ئىككىسى ئۇزاق مۇددەت توقۇنۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ.

ئەسەبىي تەشكىلات ئۈزلۈكسىز رايون خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن كۆلەڭگۈ پايدا قىلدى. ئافغانىستان سۈبھى ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىباننىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان قوراللىق كۈرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇۋاتقان پەيتتە، « ئىسلام دۆلىتى » كۈنسايىن زورىيىپ، ئافغانىستاننىڭ « يېڭى خەۋپسىزلىك تەھدىتى » گە ئايلانغان. « ئافغانىستان ۋاقىت گېزىتى » 8-ئاينىڭ 21 -كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، « ئىسلام دۆلىتى » قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئافغانىستان چېگراسى ئىچىدىكى ھەرىكىتى كۆپىيىپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى دەپ ھېسابلىدى. كۆرۈنۈشتە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىق ۋە تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ھەرقايسى تەرەپلەر تىنچلىق مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرمەكتە.

جۇڭگو « ئافغانىستانلىقلار يېتەكچى بولۇش، ئافغانىستانلىقلار ئىگە بولۇش»تەك تىنچ يارىشىش مۇساپىسىنى قوللاپ كەلدى، ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئىجابىي رول ئوينىماقتا. ئالدىنقى ئايدا جۇڭگو، رۇسىيە، ئامېرىكا، پاكىستاندىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭدا ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا 3-قېتىم كېڭەشتى. تۆت تەرەپ تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئافغانىستانلىقلارنىڭ ئىچكى سۆھبىتىنى دەرھال باشلاشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە بۇ سۆھبەتتە تېزدىن تىنچلىق رامكىسى ھاسىل قىلىشىغا قوشۇلدى. رۇسىيە « مۇستەقىللىق گېزىتى » تور بېكىتىدە 7-ئاينىڭ 22 -كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى : رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ يىل 7-ئايدا ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان، جۇڭگو ۋە پاكىستان دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى ئۇچرىشىشى جۇڭگونىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدىكى رولىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئالامىتى بولۇپ قالدى دېدى. گېرمانىيەمۇ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە تۆھپە قوشتى. بۇ يىل 7-ئايدا قاتار بىلەن گېرمانىيە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئافغانىستاننىڭ ئىچكى تىنچلىق يىغىنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا بايانات ئېلان قىلىنىپ، ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇراجىئەت قىلىندى. گېرمانىيە ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : بۇ قېتىمقى يىغىن ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۆھبەتكە يول ئېچىشقا پايدىلىق.

رۇسىيە 2017-، 2018-يىللىرى ئۇدا ئىككى يىل موسكۋادا ئافغانىستان تىنچلىق سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى سۆھبىتىگە سەھنە ھازىرلاپ بەردى. بۇلتۇر 11-ئايدا، ئافغانىستاندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ تالىبان تۇنجى قېتىم رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك ئافغانىستان تىنچلىق سۆھبىتىگە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى. جۇ يۇڭبياۋ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : رۇسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پائال ئارىلاشقانلىقى ئافغانىستاننىڭ سىياسىي يارىشىشنى قوللاش پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە قاتنىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.