جۇڭگونىڭ سودا سۈركىلىشىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئىقتىدارى بار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:10

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىستانسىسىمىز 8-ئاينىڭ 29-كۈنى «جۇڭگونىڭ سودا سۈركىلىشىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ئىقتىدارى بار» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ئامالسىز قوللانغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك سودا قارىشى تەدبىر قوللىنىشىغا قارىتا، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر يېقىندا يەنە تاموژنا بېجى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، داۋاملىق قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق جۇڭگونى يول قويۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولدى. بۇ ئېنىقلا يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىغا خاتا ھۆكۈم قىلغانلىق. گەرچە ھەر قېتىم جۇڭگونىڭ قارشى تەدبىر قوللىنىشى ئامالسىزلىقتىن بولسىمۇ، لېكىن پوزىتسىيەسى ئەزەلدىن قەتئىي، قارشى تۇرۇش تەدبىرى سوغۇققان ۋە ئاقىلانە بولۇۋاتىدۇ.

ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، كۆپ مەنبەلىك بازار تاكتىكىسى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرلەرنى تۈگىتىش ئىقتىدارى بار. ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ۋەزىيەتكە قايتا-قايتا خاتا ھۆكۈم قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، سودا زومىگەرلىكىنى يولغا قويسا، ئەڭ ئاخىرىدا مۇقەررەر ھالدا ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ تەھدىتى ۋە قورقىتىشى جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاقمايدۇ، ئۇلارغا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىغا خاتا ھۆكۈم قىلماسلىقنى نەسىھەت قىلىمىز. جۇڭگو سوغۇققانلىق بىلەن كېڭىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ، سودا ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا، جۇڭگو ئاخىرغىچە ھەمراھ بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا تاللىشى يوق.