سودا مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ قارىشى تەدبىر قوللىنىش ۋاسىتىسى تولۇق، سودا ئۇرۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:06

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 8-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ يەنە جۇڭگو ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان 550 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالماقچى بولغانلىقىغا قارىتا، سوغۇققانلىق بىلەن كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارشى تەدبىر قوللىنىش ۋاسىتىسى تولۇق. گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن بىر يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگونىڭ قارشى تەدبىر قوللىنىش ۋاسىتىسى تولۇق. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بىز مۇزاكىرە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە 550 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جۇڭگو تاۋىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دەپ قارايمىز. سودا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جۇڭگو بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىلەن كەسكىن سۆزلىشىۋاتىدۇ.