جۇڭگونىڭ بۇ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئامېرىكىدا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 10 مىليارد دوللاردىن ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار تۇردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:03

پايچىك، خېرىدار، خادىم، مەھەللە، ۋەنشياڭ گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى نى پىننىڭ قارىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك تۆت چوڭ تەرەپ. ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى : بىز بۇ تۆت جەھەتتە تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، ئاندىن شىركەتنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيمىز.

1994-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ بۇ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئامېرىكىدا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 10 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. 20 دىن ئارتۇق ياساش زاۋۇتى بار بولۇپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 4 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشتى.
رېچىر مەيگاۋ 2010-يىلى 4-ئايدا ۋەنشياڭ يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئەزا بولغان، ھازىر ئىشخانا دىرېكتورى بولۇپ قالدى. جۇڭگو شىركىتىدە خىزمەت قىلىش ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «شىركەت سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى ئويلىشىدۇ، ھەتتا ئائىلىڭىزدىكىلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ھەممىمىز ئوخشاش بىر كېمىدە، مانا بۇ جۇڭگو مەدەنىيىتى. بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئوخشاش، شۇڭا بىز چوقۇم بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. نى پىن: خىزمەتچىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى بېرىش ھەمدە ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا مۇكاپاتلاش، دېدى.

بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن دالۇن نوبېل 2016-يىلى 1-ئايدا فۇياۋ ئەينەكچىلىكى ئوخېئو ئىشتاتى دېتون شەھىرىدىكى زاۋۇتىنىڭ مال چۈشۈرۈش ئىشچىسى بولۇپ قالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ زاۋۇتنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى ئاپتوموبىل ئەينىكى ئورنىتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورلۇقىغا ئۆستۈرۈلدى.

نوبېل شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: شىركەت ئىشچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوللاپ، ئىپادىسى ياخشى ئىشچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ. بۇ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئۆگىنىشكە ئىنتايىن پايدىلىق بىر خىل مەدەنىيەت.

فۇياۋ ئەينەكچىلىكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل ئەينىكى ياساش كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. فۇياۋ ئەينەكچىلىكى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ داۋچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: فۇياۋ ئەينەكچىلىكى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى كەسپى تەرەققىياتى مۇقىم بولۇپ، غايەت زور بازار بوشلۇقىغا ئىگە.

42 ياشلىق چىكاكولۇق رومەن دېلىئون بۇ يىل 3-ئايدا جۇڭگونىڭ چىڭداۋدا بىر ئاي تەربىيەلەندى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە جۇڭگو پاراۋۇز چىڭداۋ سىفاڭ پاي چەكلىك شىركىتى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن باشقا 24 خىزمەتچىسىمۇ بار. بىر ئاي ئىچىدە، دېلىئون جۇڭگولۇق خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىللە بازار ئايلاندى، ئۇ « مەن جۇڭگولۇق شېرىكىم بىلەن دوست بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق، دېدى.

دېلىئون تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، خىزمەتكە قارىتا تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ياخشى ئىپادىسىمۇ جۇڭگولۇق تەربىيەلىگۈچىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ماختىشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق تەربىيەلىگۈچىلەرنىڭ ماختىشى مېنى ناھايىتى خۇشال قىلدى، ئۇلار مۇتەخەسسىس، ئۇلارنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىسا، ئادەم بەك خۇش بولىدۇ.

2016-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو سىفاڭ شىركىتى چىكاكونىڭ 846 دانە، ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مېترو ۋاگونى تۈرىگە خېرىدار بولدى. 2017-يىلى جۇڭگو سىفاڭ شىركىتى چىكاكو زاۋۇتى چىكاكونىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا قۇرۇلۇشقا باشلىدى. يېڭى زاۋۇت رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 168 مېترودىن تۆۋەن بولمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا يەرلىككە 169 ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

مارىنا پوپوۋىچ جۇڭگو سىفاڭ شىركىتى ئامېرىكا شىركىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى باش نازارەتچىسى ۋە باش قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى چىكاكودىن ئايرىلغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان ياسىمىچىلىق كەسپىنى چىكاكوغا قايتۇرۇپ كەلدى، دېدى.

چىكاكونىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كونا سانائەت رايونى چىكاكو ياسىمىچىلىقىنىڭ شانلىق پەيتىگە گۇۋاھ بولغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىلغان پولات-تۆمۈرلىرى بىر مەھەل پۈتۈن ئامېرىكا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى شۇ جايدىكى پولات زاۋۇتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى ياكى تاقىلىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەرمۇ «تۆمۈر دېتى بەلبېغى» غا ئايلانغان.

خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل پوپوۋىچ جۇڭگو سىفاڭ شىركىتىنىڭ قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پاراۋۇز سىفاڭ شىركىتى ئامېرىكا شىركىتى «ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكا ئۈچۈن ئامېرىكىدا زاۋۇت قۇرۇش» ئۇسۇلىنى يولغا قويدى، بۇ شوئار بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىي ھەرىكەت.