كوستارىكا «جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى»نى تەكلىپىنى بەرگۈچى داۋىد گورسون: كوستارىكا-جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش كېرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:04

كوستارىكا قانۇن چىقىرىش كېڭىشى (پارلامېنتى) 8-ئايدا «جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى» تەسىس قىلىش قانۇن لايىھەسىنى تۇنجى نۆۋەت ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، كوستارىكا مىللىي ئازادلىق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى داۋىد گورسون يېقىندا سان خوسېدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى»نى تەبرىكلەش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گورسون كوستارىكانىڭ دېڭىز بويىدىكى لىمون ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى. ئۇ كوستارىكا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 12 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى ھەمدە كوستارىكانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇنى ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى ئىشلاردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

گورسون مۇنداق دېدى: 1870-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگودىن كەلگەن كۆچمەنلەر لىموننىڭ تۆمۈر يولىنى ياساشقا ياردەملەشتى. ئۇلار ناھايىتى تېزلا شۇ جايدىكى جەمئىيەتكە سىڭىپ كىردى ھەمدە سودا جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى كوستارىكالىقلارنىڭ سودا جەھەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كوستارىكا شەھىرىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقىقىدا جۇڭگولۇقلار ئاچقان مىلىچمال دۇكىنى، ئاشخانىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، كوستارىكالىقلار جۇڭگونىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تېتىپ كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگولۇقلارنىڭ مەدەنىيەت تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگىمۇ دىققەت قىلماقتا. «جۇڭگولۇقلار چاغاننى تەبرىكلەيدۇ، ئۇلار تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئەجدىھا ئويۇنى ئوينايدۇ، بۇمۇ ئاستا-ئاستا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى».

گورسون تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى» تەسىس قىلىش دەسلەپتە بىر دوستۇم بىلەن سۆھبەتلەشكەندە پەيدا بولغان خىيال ئىدى، لېكىن مەن بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق ھەم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش دەپ قارىدىم، شۇڭا داۋاملىق ئىلگىرى سۈردۈم ھەمدە رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدىم. بۇ قانۇن لايىھەسى كوستارىكادىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كوستارىكا زۇڭتۇڭى ئالۋارادومۇ بار. نۆۋەتتە بۇ قانۇن لايىھەسى ئىككىنچى قېتىم ئاۋاز بېرىش ئارقىلىقلا كوستارىكا قانۇنىغا ئايلىنىدۇ.
گورسون يەنە «جۇڭگو مەدەنىيەت كۈنى» بىلەن جۇڭگونىڭ چاغىنىنى بىرلا ۋاقىتتا تەبرىكلەش تەكلىپى بەردى، جۇڭگونىڭ چاغىنىنى كوستارىكانىڭ رەسمىي بايرىمى قىلىشنى ئۈمىد قىلدى، كوستارىكا خەلقى جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ بايرامنى تەبرىكلىسە بولىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى : بۇ قانۇن لايىھەسى ئاخىرى ماقۇللانغاندىن كېيىن، كوستارىكانىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تارماقلىرى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدۇ، جۇڭگو مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ دەرسلىكلەر مەكتەپلەرگە كىرىدۇ.

گورسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەدەنىيەتتىن باشقا، جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ساھەسىدىكى تۆھپىسىمۇ ھەممىگە ئايان. «مېنىڭچە كوستارىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، تېخنىكا ئالماشتۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشىدۇ. شۇڭا مەن بۇ خىل ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كۆۋرۈك بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق، كوستارىكادا جۇڭگونىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ كوستارىكانى كۆپرەك چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى : گەرچە كوستارىكا ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى، كوستارىكا مەدەنىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن بىر تەرىپى بار.

گورسون مۇنداق دېدى: بۇ يىل كوستارىكا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 12 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. كوستارىكانىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى ئارىئاس ئىنتايىن ئاقىلانە قارار چىقاردى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش.

ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دەپ قارىدى: كوستارىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا «قەدەمنى تېخىمۇ چوڭراق ئېلىشقا بولىدۇ»، «بىز جۇڭگونىڭ كوستارىكا خەلقىگە قىلغان ياردىمى ۋە تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز لازىم».