ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش دېھقانچىلىق مەيدانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:04


ئەنگلىيە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى برايىن رىناگان مىكرو بىلوگىغا يەنە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى، كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، دەپ يازدى.
رىناگاننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى بىلەن ئىرېلاندىيە چېگراسىدا ئىدى. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى بۇ 50 ياشلىق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.
ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى بىلەن ئىرېلاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى 500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا پاسىلى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلغاندىن كېيىن،بۇ چېگرا پاسىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى رايونى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولمىغان رايونىنىڭ چېگرا پاسىلىغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرا پاسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى ھاسىل قىلالمىسا، ھازىرقى مال بىلەن خادىملار ئەركىن يۆتكىلىدىغان يۇمشاق چېگرا قاتتىقلىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خادىملىرى ۋە ماللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە باج ئېلىشقا توغرا كېلىدىغان چېگرا پاسىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بەزى شىمالىي ئىرېلاندىيەلىكلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قاتتىق چېگرا پاسىلى پەيدا قىلغان ھامان، چېگرا پاسىلىدا تەكشۈرۈش قاراۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئىرېلاندىيەنىڭ جەنۇب-شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا دائىم كاشىلا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ دەپ ئەنسىرىدى. رىناگانمۇ تۇنجى بولۇپ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. رىناگان مۇخبىرغا ئەۋەتكەن پوچتا يوللانمىسىدا ئاغرىنىپ : يېتىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش مېنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىمنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن دېدى.
مۇخبىر ئىلگىرى رىناگاننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنى زىيارەت قىلغان، ئۇ يەردىكى كالىلار ئەنگلىيەدە يەم-خەشەك يېسە، دالىدا باققاندا ئىرېلاندىيە تەرەپكىچە بارىدۇ. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەنگلىيە قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىش ھوقۇقىمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. رىناگان ھەر كۈنى چېگرادىن ئون نەچچە قېتىم ئۆتۈپ، ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيە مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان بالىلىرىنى ئاپىرىپ-ئەكېلىدۇ. چېگرا « قاتتىقلىشىپ » كەتسە، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىلا ئۇنىڭغا باش قېتىمچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : مېنىڭ تۆت ئەۋلاد جەمەتىم بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرۇپ كەلدى، ھازىر مەن ئۇنى ئىرېلاندىيە تەرەپكە يۆتكەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قالغان پايدىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولۇشنى ئويلاشمىسام بولمايدۇ.
تاراتقۇلارنىڭ رىناگان دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ توردا مىكرو بىلوگ ئېچىپ، ئۇنىڭغا « ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش دېھقانچىلىق مەيدانى » دەپ ئىسىم قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ، كىشىلەرگە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت بۇ تارىختىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئۆزگىرىشتىكى بىر ئاددىي ئائىلىنىڭ تەقدىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.
نۆۋەتتە ئىرېلاندىيە ئارىلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئىككى دۆلەتكە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىسى قويۇق. ئىرېلاندىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان بىر بوتۇلكا « بەيلى ھارىقىنىڭ ھەر خىل خام ماتېرىياللىرى ۋە ماللىرى يەتتە قېتىم ئىرېلاندىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى چېگراسىدىن كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش چېگرا مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھامان، ئىرېلاندىيە ئارىلىدىكى سودا-سانائەت، ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى زاتلار رىناگانغا ئوخشاش باش قېتىنچىلىقىغا قالىدۇ.
گەرچە ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونى بىلەن ئىرېلاندىيە ئوتتۇرىسىدا « قاتتىق چېگرا » پەيدا بولمايدۇ دەپ كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيەنىڭ « ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەلىپىنىڭ بىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سودا سىياسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشتىن ئىبارەت. لېكىن دۇنياغا نەزەر سالساق، چېگرا رايوننى ئېچىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋە مۇستەقىل سودا سىياسىتىنى قوغدايدىغان بىرەر ئامال يوق.
جونسون باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي شىمالىي ئىرېلاندىيە رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ،ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش مۇمكىنچىلىكىگە يول ھازىرلىماقچى بولدى.
رىناگان مۇخبىرنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشىغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئەگەر ئىرېلاندىيە ئارىلىدىكى كىشىلەر ۋە ماللار ئەركىن يۆتكىلەلمىسە،بۇ ئارالدىكى ئاھالىلەرنى خەتەرلىك گىرۋەككە ئىتتىرىپ قويىدۇ دېدى.
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسىغا قايتىپ كېلىپ سودا قىلغان ھامان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلغان گۆش مەھسۇلاتلىرىدىن %40 تاموژنا بېجى ئېلىنىدۇ، چېگرىدىكى تەكشۈرۈش ۋە باج ئېلىشتا ئۇزۇن ئۆچرەتكە تۇرۇش سەۋەبىدىن ماللارنىڭ تىرانسپورت تەننەرخى ئاشىدۇ.