شى جىنپىڭنىڭ«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ھەققىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»دېگەن كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:04

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مەركەز ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش باش تېمىلىق تەربىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن «شى جىنپىڭنىڭ«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ھەققىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»دېگەن كىتابنى بىرلىشىپ تەھرىرلىدى، بۇ كىتاب مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

ئۈزۈندىنىڭ مەزمۇنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە بولغان سۆزلىرى، دوكلاتى، ماقالىسى، كۆرسەتمىسى، تەستىقى قاتارلىق 130 نەچچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىندى، 10 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈندى، جەمئىي 362 بايان كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە قىسىمەن بايانلار تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى، مەركەز ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش باش تېمىلىق تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈزۈندىلەر ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسى ماتېرىيال، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار بايانلىرىنى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم ئوقۇشلۇق. ئۈزۈندىنى باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئەسلى مەقسەتكە ئەمەل قىلىش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.