مەملىكەتلىك غەيرىي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىدىكى ئەربابلاردىن مۇنەۋۋەر سوتسىيالىزم ئىشلىرى قۇرغۇچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ۋاڭ ياڭ قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-02 18:04

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بەشىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىدىكى ئەربابلاردىن مۇنەۋۋەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى قۇرغۇچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسى ئىگىلىك تۈزۈمىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىلار روھىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئەربابلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ توپلاش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ تەقدىرلەنگۈچىلەرنى تىرىشىپ ۋەتەننى، كەسپىنى سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن، شەخسى ئارزۇسىنى جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. تىرىشىپ قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئاڭلىقلىق بىلەن قانۇننى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، بىلىش، رىئايە قىلىش، باشلامچىلىق بىلەن بازار قائىدىسى ۋە كەسىپ قېلىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭىچە مۇناسىۋەتنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئېنىق تونۇش كېرەك. تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئاساسى ئىگىلىكنى مەركەز قىلىپ، شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۈنەرۋەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمچىلىقىنىڭ جۇڭگو ئىجادىيىتىگە، جۇڭگو سۈرئىتىنىڭ جۇڭگو سۈپىتىگە، جۇڭگو مەھسۇلاتىنىڭ جۇڭگو ماركىسىغا بۇرۇلۇش ياسىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، ئىشەنچنى تەكىتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، باي ھەم ئەخلاقلىق بولۇش، باي ھەم مېھرى مۇھەببەتلىك بولۇش، باي ھەم مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك ياخشى ئوبرازنى يارىتىش كېرەك.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ۋە تارماقلار كارخانىلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئالدىرىغان ئىشلىرىغا ئالدىراپ، ئۇلار ئۈچۈن پال ئىش قىلىپ، مۇلازىمەت قىلىشى، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر كىلومېتىرىنى ئېچىپ، كارخانىلارنى ھەقىقىي نەپكە، ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. ليۇ خې، خاۋ مىڭجىن، گاۋ يۇنلوڭلار تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى، يۇ چۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

غەيرى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىدىكى ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى 100 ئەرباب« مۇنەۋۋەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى قۇرغۇچىلىرى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى ھەمدە«مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىلار روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تۆتتە ئۈلگە بولۇش» تەشەببۇسنامىسىنى ئوقۇدى.