13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-03-15 17:40

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26 - نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ، بۇ قانۇننى ئېلان قىلدى.

يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك 2974 ۋەكىلدىن 2948 ۋەكىل قاتناشتى، 26 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، لى جەنشۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2019 -يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى، نىشان ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلىرى قۇۋۋەتلىنىپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ماقۇللاندى. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ .

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ 2018 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى؛ 2018 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ 2019-يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلاندى؛ 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ 2018 - يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ 2018 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى، 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلاندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قۇۋۋەتلىنىپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جاڭ رۇڭشۈننىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى جەزملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى.
ئارقىدىن لى جەنشۇ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا تۈرلۈك قارالمىلار تولۇق ئورۇنلاندى. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يىغىندا بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىلدى.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يىغىندا دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، ئىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق بېجىرىلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلار قاراپ چىقىلىپ تەستىقلاندى. ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياخشى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى. بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاق بولغان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى. بىز ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: يىغىندا قاراپ چېقىلىپ ماقۇللىغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى يېڭى دەۋردە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ؛ پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ؛ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقى لازىم.

لى جەنشۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، "تۆت ئاڭ"نى كۈچەيتىپ، " تۆت ئىشەنچ"نى چىڭىتىپ، "ئىككىنى قوغداش"نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىز كېرەك.

سائەت 9 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجوڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يۇشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، ھەمدە مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن ئاڭلىدى.